تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە ۋە نىكاھ

نىكاھنىڭ ياخشى بولۇشى گەپنى چىرايلىق دېيىشىشكە موھتاج

تاجىگۈل ۋاھىت

      ئاياللارنىڭ قاچانلا بولسا ئاسان خۇيى تۇتۇپ، مىجەزى ئۆزگىرىپ قالىدۇ، شۇڭا ئانچە-مۇنچە خۇيلىنىپ، سەل چېچىلىپ قېلىشى نورمال ئىش. گەپ بولسا چىرايلىق دېيىش، كەيپىيات ناچار چاغدا ئاز گەپ قىلىش، بولسا گەپ قىلماسلىق كېرەك. چۈنكى، بۇنداق چاغدا گەپ ئويلانماي قىلىنىدۇ، ئويلانماي قىلىنغان گەپ ئەرنىڭ دىلىغا ئازار يەتكۈزىدۇ. بۇ، ئۆيدە مەسىلە كۆرۈلۈپ قالسا، ئايال چىداپ تۇرۇپ يول قويسۇن، دېگەنلىك ئەمەس ھەم ئۆلۈك ھالدا بۇنداق قىلىشنىمۇ تەشەببۇس قىلمايمىز. پەقەت ئۇسۇلغا دىققەت قىلىش كېرەك، دېمەكچىمىز. چۈنكى، ئۇسۇلغا دىققەت قىلىنىپ، گەپ چىرايلىق دېيىلسە، مەسىلە ئاسان ھەل بولىدۇ. ئەگەر قايسى ئائىلىدە مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ۋارقىرىشىش، تاكاللىشىش، ھەتتا ئۇرۇشۇشتەك ناچار ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئادەت بولۇپ قالغان ئىكەن، شۇ ئائىلىدىكى مەسىلە مەڭگۈ مەسىلە پېتى قېلىۋېرىدۇ. ئەر-خوتۇنلارنىڭ پىكىرلىشىشى، ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىدا مەسىلە بولسا، نىكاھتىن ھامان بىر كۈنى مەسىلە چىقىدۇ. شۇڭا، نىكاھنىڭ ياخشى بولۇشى گەپنى چىرايلىق دېيىشىشكە موھتاج.

      بىز چېسلادىكى تاكاللاشمىغان، ۋارقىراشمىغان كۈنلىرىمىزگە يۈرەك، تاكاللاشقان، ۋارقىراشقان كۈنلىرىمىزگە يىغا چىراي سىزىپ قويۇپ پات-پات ۋاراقلاپ كۆرۈپ قويايلى، يۈرەك سىزىلغان كۈنلەرنى كۆرگەندە «مۇشۇنداق قىلاي، داۋاملاشتۇراي، قەتئىي داۋاملاشتۇراي» دەپ ئۆز-ئۆزىمىزنى ئىلھاملاندۇرايلى، رىغبەتلەندۈرەيلى، يۈرەك سىزىلغان كۈنلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە تىرىشايلى، بۇ بىزگە بىر سىناق بولۇپ قالسۇن، قېنى سىناپ كۆرەيلى. بۇ يەردىكى «تىرىشىش» ئەلۋەتتە ئاچچىقىمىز كېلىپ، كەيپىياتىمىز بۇزۇلۇشقا قاراپ ئۆزگىرىۋاتقاندا، ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز ۋە ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق قىلىشىمىزنى، بىر ئاماللار قىلىپ ئاچچىقىمىزدىن بوشاپ، كەيپىياتىمىزنى ئوڭشىۋېلىشىمىزنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتىكى چاغلاردا قىزىقىش، ھەۋەس يېتىلدۈرۈشىمىز، ئەتىدىن كەچكىچە يۇقىرى گىرادۇسلۇق لوپا ئەينەكنى ئېرىمىزگە توغرىلاپ، ئۇنىڭدىن ئىۋەن-قۇسۇر ئىزدەپلا يۈرمەسلىكىمىز لازىم. قىزىقارلىق فىلىم دىسكىلىرىنى قويۇپ كۆرۈڭ، دوستلىرىڭىزنىڭ قېشىغا بېرىپ مۇڭدىشىڭ، بىرەر ۋاق تاماقنى بىللە يەپ، بىردەم ئايلىنىپ كېلىڭ، يا بولمىسا كىتاب ئوقۇڭ، مىجەز-خۇلقىڭىزنى، خۇي-پەيلىڭىزنى ئوڭشاپ، ياخشىلىنىشقا يۈزلەندۈرۈشىڭىزگە ياردىمى تېگىدىغان ئىشلارنى كۆپ قىلىڭ. شۇنىڭدا، مىجەزىڭىز بارا-بارا ئوڭشىلىپ، خۇيلىنىۋالمايدىغان، تۈرۈلۈۋالمايدىغان ياكى چالۋاقاپ چېچىلمايدىغان، بەلكى كەيپىياتىڭىزنى تىزگىنلەپ، ئوبدان ئويلىنىپ ئاندىن گەپ قىلىدىغان بولىسىز.

      ئەمەلىيەتتە ھازىر ئەرلەرگە بېسىم ناھايىتى زور. ئىدارىدىكى، ئىشخانىدىكى، ھەتتا ئىش ئورنىدىكى رىقابەت ناھايىتى كەسكىنلىشىپ كەتتى، ئىش-ئوقەتتە خېرىدارغا ئېرىشمەكمۇ تەس. سىز ئېرىڭىزنى «تەڭ كېچىگىچە سىرتتا يەپ-ئىچىپ، تاماشا قىلىپ مەست قايتىپ كېلىدۇ» دەپ ئاغرىنىسىز. بىراق، ئۇ ئەتىگىنى مەستلىكى يېشىلمەي تۇرۇپمۇ ئىدارىغا چاپىدۇ. دەپ بېقىڭچۇ، بۇ ئاسانمۇ؟ خىزمىتىدە كۆڭلى يېرىم بولسىمۇ نەگە كېتەلەيدۇ؟ يا سىزگە دەرت تۆكۈپ ھالىنى ئېيتىشقا كۆڭلى ئۇنىمىسا... چۈنكى، خوتۇننىڭ ئالدىدا ئەرنىڭ يۈز-ئابرۇيى ئىنتايىن مۇھىم-دە! ئۇ ئۆي سېتىۋالمىسا، خوتۇن-بالىلىرىنى باقمىسا، چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسا، بالىنى ئوقۇتمىسا، ...بولمايدۇ، بۇ مەقسەتلەر ئۈچۈن تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلىمىسە تېخىمۇ بولمايدۇ. شۇڭا، ئېرىڭىزنى چۈشىنىڭ، ئېرىڭىزنىڭ دەرد-ھالىغا يېتىپ قويۇڭ، شۇنىڭدىلا روھىي ھالىتىڭىز مۇلايىملىشىپ، تەمكىنلىشىدۇ.

«ھاياتلىق» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 71گە قارشى 84نومۇر بىلەن سىچۈەن كوماندىسىنى يېڭىپ، مۇشۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈردى
  • ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات ئۆمىكى كۇچادا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى
  • ئۈرۈمچىدىن تاشكەنتكە بىۋاستە قاتنايدىغان تۇنجى يۈك پويىزى يولغا چىقتى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى