ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، چىش كېسەللىكلىرى كۆپ خىل بىيولوگىيەلىك ۋە ئىجتىمائىي ئامىللاردىن پەيدا بولىدىكەن، بۇ تەشۋىشلىنىش ۋە قايغۇ-ھەسرەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. چىش چۈشۈشمۇ مۇرەككەپ روھىي ئامىللارغا باغلىنىشلىق ئىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر چىش چۈشۈش بىلەن تەشۋىشلىنىش ۋە قايغۇ-ھەسرەت ئارىسىدىكى يوشۇرۇن باغلىنىشنى كۆزىتىش ئۈچۈن، 450 مىڭدىن كۆپرەك ئادەمنىڭ ماتېرىياللىرى ھەمدە 19 ياشتىن يۇقىرى، تەشۋىشلىنىدىغان ۋە قايغۇ-ھەسرىتى بار كىشىلەرنىڭ چىش چۈشۈش ئەھۋالىنى ئانالىز قىلغاندىن كېيىن، تەشۋىشلىنىدىغان ۋە قايغۇ-ھەسرىتى بار كىشىلەرنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقى نىسبەتەن ناچار بولغاچقا، چىشىنىڭ ئاسانلا چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان.