تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىمىز

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى: ‹‹ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش›› خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى 11 – ئاينىڭ 3 – كۈنى پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايغا ئېھتىرام بىلدۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە بايرىقى ئالدىدا پارتىيەگە كىرىش قەسەمنامىسىنى تەكرارلىدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ، شاڭخەيدىكى پارتىيە 1 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي ۋە جېجياڭ جياشىڭنىڭ نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمىگە كوللېكتىپ ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە ئۈچۈن شانلىق ئۈلگە تىكلەپ، بىزگە ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش توغرىسىدا جانلىق پارتىيە دەرسى ئۆتتى. ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۇنى يولداش شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 – ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىتتىپاق – ئىناق، باي، گۈللەنگەن، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن قەتئىي كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى كۈرەش قىلىش ھالىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇش، مەغرۇرلانماسلىق ۋە ئالدىراقسانلىق قىلماسلىقتەك ئىستىلنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات نىشانى ۋە ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش›› خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، بەنگۇڭتىڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ تۇرسۇنجان ئەلى قەسەم بېرىش پائالىيىتىگە رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئورگانلار خوجىلىق ئىدارىسى: راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەيمىز

  ئاپتونوم رايونلۇق ئورگانلار خوجىلىق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسى 11 – ئاينىڭ 3 – كۈنى چۈشتىن كېيىن نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايغا ئېھتىرام بىلدۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، پارتىيە ئەزالىرىنى تەشكىللەپ، پارتىيەگە كىرىش قەسەمنامىسىنى تەكرارلىدى، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(تۈزىتىلمە)››نى ئۆگەندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ پارتىيە تارىخىنى ئەسلەپ، پارتىيەگە كىرىش قەسەمنامىسىنى تەكرارلىشى ئاپتونوم رايونلۇق ئورگانلار خوجىلىق ئىدارىسىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە بىر قېتىملىق جانلىق پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى دەرسى ۋە چوڭقۇر روھنى پاكلاش بولدى. ئورگاندىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆزىنى ھەر ۋاقىت پارتىيەگە كىرىش قەسەمنامىسى ۋە ‹‹پارتىيە نىزامنامىسى››دىكى تەلەپلەرگە سېلىشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شانلىق تارىخىدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۈچ ئېلىپ، دەۋر ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹قىزىل كېمە روھى››نى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار يادرونى قەتئىي قوغداپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. ھەربىر پارتىيەلىك كادىر يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تارىخىي بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ‹‹قىزىل كېمە روھى››نى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر ۋاقىت ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورگانلار خوجىلىق ئىدارىسىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى، بولۇپمۇ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمى: مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمى 11 – ئاينىڭ 3 – كۈنى چۈشتىن كېيىن دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرى ئورگانلىرىغا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەمدە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش باسقۇچىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان ھالقىلىق مەزگىلدە ئېچىلغان ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي، ئۇنىڭدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى تارىخىي بۇرچى چوڭقۇر شەرھلەندى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تارىخىي ئورنى بېكىتىلدى، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي مېڭىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقەددەس بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەقىل – پاراسىتىنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا مۇجەسسەملىشى كېرەك.

  جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، جۇڭگو ئىشچى – دېھقانلار دېموكراتىك پارتىيەسى، ‹‹3 – سېنتەبىر›› ئىلمىي جەمئىيىتى قاتارلىق دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بەس – بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ھەمدە ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە، يولغا قويۇشقا بولىدىغان پىكىر – تەكلىپلەرنى بېرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەيمىز، باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن چارە – تەدبىر كۆرسىتىمىز، كۈچ چىقىرىمىز. ئەمەلىيەتكە، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە ئەلرايىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ ۋە ئىنكاس قىلىپ، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش، كەيپىياتنى ئوڭشاش، ئورتاق تونۇشنى ئۆستۈرۈش، ئەلرايىنى مايىل قىلىش خىزمىتىنى كۆپرەك ئىشلەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەقىقىي يوسۇندا دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ خىزمىتى، يېڭىلىق يارىتىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشىگە يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى، شىنجاڭ مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتى: ئۆگىنىش، بىلىش، ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىمىز

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى، شىنجاڭ مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتى 11 – ئاينىڭ 3 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسى ۋە بىر قىسىم ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى پارتىيە مەكتەپلىرىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرىدىن بولۇپ 130 نەچچە كىشى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى قاتارلىق 11 ئورۇندىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چۆرىدەپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

  يىغىندا كۆپچىلىك بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرگەن ھالقىلىق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي بولۇپ، پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە زور تارىخىي ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تارىخ ۋە دەۋر يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى سىستېمىلىق شەرھلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئۇ پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىش، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش، يېڭى سەھىپە يارىتىشىدىكى سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى، ماركسىزم نۇرى چاقناپ تۇرىدىغان ھۆججەت. ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي پەن، نەزەرىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تەتقىق قىلىش ۋە شەرھلەشتە باشلامچى بولۇپ، نەزەرىيە ئاڭلىقلىقىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، بىلىش، ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەقىل – پاراسەت ۋە كۈچ – قۇدرىتىنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى تۆھپە قوشىمىز.

  شىنجاڭ پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى: ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز

  شىنجاڭ پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى (شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى) 10 – ئاينىڭ 29 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 13 – قارارلىق ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ غوللۇق شۇجى (مۇدىر)لىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك مۇھاكىمە كۇرسىدا ئوقۇۋاتقان كۇرسانتلارنى تەشكىللەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىنى ئۆگىنىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.

  يىغىندا، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىن كەلگەن 20 نەچچە ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ شۇجى، (مۇدىر)لىرىنىڭ ۋەكىلى خىزمەت ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى چۆرىدەپ، ئۆگىنىش تەسىراتىنى سۆزلىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مائارىپ سېپىدىكى خادىم بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا يېتىشتۈرۈشكە تىرىشىپ، ئىدىيەدە ئۈزلۈكسىز ئازاد بولۇپ ۋە قاراشنى يېڭىلاپ، خىزمىتىمىزنى ئاساس قىلىپ، يېڭى دەۋر مائارىپ خىزمىتىنىڭ يېڭى تەلەپلىرىنى تەتقىق قىلىپ، يېڭىچە ئۇسۇل قوللىنىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى جېلىل ھوشۇر مۇنداق دېدى: مائارىپ كەلگۈسىنى يارىتىدۇ، مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ ئاساسى. مەكتەپ مۇدىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئادەم تەربىيەلەشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، ئاساس مائارىپنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاپ، جەمئىيەت ئۈچۈن ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلگەن ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى تېخىمۇ كۆپ تەربىيەلەشكە كۈچ چىقىرىمەن.

  ئاقسۇ شەھەرلىك 9 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى گو شىنمىڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت تىلى ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىش خەلقنىڭ ئارزۇسى. مەكتەپنىڭ غوللۇق رەھبىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن دۆلەت تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئەمەلىي، تېخىمۇ ئەستايىدىل ئىشلەيمەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 72 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى جۇ شيەنفاڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، مائارىپنى قانداق باشقۇرۇش، كىم ئۈچۈن باشقۇرۇش توغرىسىدىكى چۈشەنچەم تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى. بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشكە تىرىشىمەن.

  شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى: كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرىمىز

  شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى 11 – ئاينىڭ 2 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش يىغىنى ئاچتى. يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ئۆگىنىش تەسىراتىنى ئوخشاشمىغان نۇقتا، ئوخشاشمىغان قاتلامدىن كەڭ – كۇشادە سۆزلەپ، ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغاشقا تۈرتكە بولۇشقا پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

  ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى گاۋ جيەنلۇڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتى كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما، كىشىلەرنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ئۇلۇغۋار پىلان بولۇپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ‹‹ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ›› دەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، ‹‹چوقۇم مەن ئورۇندىشىم كېرەك›› دەيدىغان بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن يېڭى – يېڭى ھەل قىلغۇچ جەڭ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جەڭلىرىنى ياخشى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ئابلەت مەمەت مۇنداق قارىدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا ‹‹پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش›› يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى 14 ئاساسىي تەدبىرنىڭ بىرىنچىسى قىلىندى، ‹‹پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق، ئىلىم ساھەسى، شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمالدا پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ››غانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى. پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش جۇڭگونىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى، جۇڭگو خەلقىنىڭ تارىخىي دەبدەبىلىك تاللىشى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ بىر ئەسىرگە يېقىن داۋام قىلغان ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، يۈكسىلىشىدە تەكرار ئىسپاتلانغان تارىخىي يەكۈن.

  ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، تەتقىقاتچى گوتەيشەن مۇنداق دېدى: خەلقچىللىق مەيدانى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تۈپ سىياسىي مەيدانى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ خەلققە باشتىن – ئاخىر قەلب تۆرىدىن ئورۇن بېرىدىغان سىياسىي پەزىلىتى ناھايىتى ئېنىق شەرھلەندى. بىز پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشتە قەتئىي ئېتىقاد، تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش روھى، ھەقىقىي يوسۇندا خەلقنى قەلبكە پۈكۈش، ئەمەلىي ئىشلەشتەك ئىدىيەۋى ئىستىل ۋە ئىلمىي ئىدىيەۋى ئۇسۇلنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك.

  ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پەن تەتقىقات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ لۇمېي مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. پارتىيەمىز ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە. بىز يېڭى ئىدىيە بىلەن كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا يىلتىز تارتىپ، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە تىرىشىشىمىز كېرەك.

  (مۇخبىرلىرىمىز مۇبارەك ئىسمائىل، رەناگۈل خۇدابەردى، گۈلمىرە مۇھەممەد)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىمىزدە مەڭگۈ ساقلايلى» باش تېمىسىدىكى گۈزەل سەنئەت، ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • گۈزەل سەيلىگاھ قۇمقاناس
  • ھەر مىللەت ئاھالە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملىدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى