ئوزۇقلۇقشۇناسلار مۇنداق دېيىشتى: «مېۋىلەرنىڭ خانىشى» دەپ ئاتالغان بۆلجۈرگەننىڭ تەكىبىدە ۋىتامىن C مول، ئالما ۋە ئۈزۈمگە قارىغاندا ئوزۇقلۇق مىقدارى 7-10 ھەسسە كۆپ. تەتقىقات نەتىجىسىدە كۈندە 500 گىرام (تەخمىنەن 10-15 تال) بۆلجۈرگەن يەپ بەرسە، قاندىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئوكسىدلىنىش ۋە ياللۇغلىنىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقى، يەنە سۈت بېزى راكى ھۈجەيلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەيدىغانلىقى دەلىللەندى.
مۇتەخەسسىسلەر چىشى چاشقانغا بۆلجۈرگەندىن ئايرىۋېلىنغان سۇيۇقلۇق ۋە بەزلەش دورىسى بەرگەن، بىر ئايدىن كېيىن بۇ چاشقاننىڭ تېنىگە سۈت بېزى راكى ھۈجەيرىسى كىرگۈزگەن، ئاندىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۆلجۈرگەندىن ئايرىۋېلىنغان سۇيۇقلۇقنىڭ ئۆسمىنىڭ دائىرىسىنى ئۈنۈملۈك كىچىكلەتكەنلىكىنى بايقىغان. بۇ بايقاش سۈت بېزى راكىنى داۋالاشقا نىسبەتەن يېڭى تەپەككۇر تەمىنلىگەن، شۇنداقلا مېۋىنىڭ بەدەنگە پايدا قىلىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىغان.
«ھاياتلىق ۋاقتى گېزىتى»دىن ئېلىندى