تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا مەركىزى يىل ئاخىرىدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ

   شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان «خەيخۇڭ» خەلقئارا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا مەركىزى يىل ئاخىرىدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۇمكىن، ئۈرۈمچى شەھەر ئاممىسى بۇ سودا مەركىزىدىن توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالالىغاندىن سىرت، يەنە تىرىك دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، گۆش، تۇخۇم ، مېۋە-چېۋە، كۆكتات ۋە قۇرۇق يەل-يېمىش قاتارلىق كۆپ خىل يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالالايدۇ. بۇنىڭ بىلەن، كۆپ خىل يېمەكلىكنى «بىر بېكەت» تىلا سېتىۋېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  7-نويابىر مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، «خەيخۇڭ» خەلقئارا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا مەركىزى تۈرىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى جىددىي ئىشلىنىۋاتقان ئىكەن. بۇ تۈرنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 32 مىڭ 810 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇنىڭغا جەمئىي 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان.

   شىنجاڭ «دۇڭباۋ» توڭلىتىش گۇرۇھىنىڭ لىدىر ياردەمچىسى يې لىچىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ سودا مەركىزى يىل ئاخىرىدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، 600 سودىگەرگە تىرىك دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، يېڭى گۆش، مېۋە-چېۋە، كۆكتات ۋە تېتىتقۇ سودا سۇپىسى ھازىرلىنىدىكەن، بۇ سودا مەركىزىدە مەھسۇلاتلارنى توپ ۋە پارچە سېتىشقا بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى