تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

پۇت-قولىڭىز مۇزلىسا قىزىل گۈل چېيى ئىچىڭ

  گۈل چاي خۇشبۇي بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، ھەربىر خىل گۈل چاي تەركىبىدە تەبىئىي ئوزۇقلۇقلار بار، ئۇنداقتا قىش پەسلىدە گۈل چاي ئىچكەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك؟

  يېمەكلىكتە ئىشلىتىلىدىغان گۈل-گىياھنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تەبىئىتى ئىللىق، سوغۇق، مۆتىدىل بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، تەبىئىتى سوغۇق گۈللەردىن ئۇچقات، جۈخارگۈلى، تۇخۇمەك گۈلى قاتارلىقلار بار؛ تەبىئىتى مۆتىدىل گۈللەردىن ئالبىزىيە گۈلى، كۆممىقۇناق ساقىلى، تۈگمىگۈل، ئۈستىقۇددۇس قاتارلىقلار بار . ئىستېمال قىلغاندا بەدەن سۈپىتى، كىلىماتقا ئاساسەن تاللاشقا بولىدۇ. قىش پەسلىدە ھاۋا سوغۇق بولۇپ، ئەڭ ياخشىسى تەبىئىتى مۆتىدىل، ياكى ئىللىققا مايىل گۈل چايلارنى تاللاپ ئىستېمال قىلىش كېرەك.

  نۇرغۇن ئاياللاردا قىشتا قان ئايلىنىش راۋان بولماسلىق، پۇت-قول مۇزلاش ئالامەتلىرى كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇنداق چاغدا بىر ئىستاكان گۈل چاي ئىچكەندە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. مېيخۇا گۈلى، يەسىمەنگۈل، قىزىلگۈل، ئەتتىرگۈل، زەپەر قاتارلىق گۈل چايلار، بولۇپمۇ قىزىلگۈل قاننى جانلاندۇرۇش، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، تېرىنى نەمخۇش قىلىش ۋە سوغۇقنى ھەيدەش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، خانىم-قىزلارنىڭ قىشتا ئىچىشىگە ماس كېلىدۇ . ئەمما دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، قىزىلگۈلنىڭ قاننى جانلاندۇرۇش رولى بولغاچقا، ھەيز مەزگىلىدە ئەڭ ياخشىسى ئاز ئىچىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى