يانفون شىركەتلىرى پۈتۈن ئېكرانلىق يانفونلارنى لايىھەلەۋاتقان مۇشۇ مەزگىللەردە ياپونىيەدە كىچىك تىپتىكى، سىرتقى شەكلى ھېسابلىغۇچقا ئوخشايدىغان يانفون لايىھەلىنىپ بازارغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ يانفوننىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئىناۋەتلىك كارتا بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئېغىرلىقى 38 گىرام كېلىدىكەن، شۇنداقتىمۇ بۇ يانفونغا ئاندرويد كۆچمە مەشغۇلات سىستېمىسى كىرگۈزۈلگەن. گەرچە بۇ يانفوننىڭ ئىقتىدارى چوڭ يانفونلارغا يەتمىسىمۇ، لېكىن يېنىك، كىچىك، ئەپچىل يانفون ئىشلىتىشنى قوغلىشىدىغان ئىستېمالچىلار ئۈچۈن بۇ ياخشى تاللاش بولۇپ قېلىشى مۇمكىنكەن. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، گەرچە بۇ يانفوننىڭ قېلىنلىقى ئاران ئالتە مىللىمېتىر بولسىمۇ، لېكىن يۇمىلاق، كۆپمە ھالەتتىكى ئۆزگىچە كونۇپكىلار سەپلەنگەن.
تور ئۆلچىمى جەھەتتە بۇ يانفون 3G تورىنى قوللايدىكەن. بۇنىڭ سېتىلىش باھاسى تەخمىنەن 88 دوللار ئەتراپىدا ئىكەن. بۇنىڭ يەنە مۇزىكا قويۇش، سىنغا ئېلىش، تېلېفون ئۇلاش، قىسقا ئۇچۇر يوللاش قاتارلىق ئاساسىي ئىقتىدارلىرى تولۇق ئىكەن. باتارېيە سېغىمى 550mAh بولۇپ، ئۈچ سائەت تېلېفون پاراڭلاشقىلى، ئۈچ كۈن توك ساقلىغىلى بولىدىكەن.