تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىنسانىيەتكە تىرىشىپ تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپە قوشايلى

  پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا(8)

  ‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەيدىغان پارتىيە، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان پارتىيە. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى يېڭى ئىدىيە بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى يېڭى دەۋرگە يېتەكلەپلا قالماي، ئىنسانىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل – پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى بېغىشلىدى.

  ‹‹دۆلىتىمىزنى دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە كۈندىن – كۈنگە يېقىنلاشتۇرۇپ، ئىنسانىيەتكە ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇش››نى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىنىڭ مۇھىم بەلگىسى قىلىش، ‹‹يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش››نىڭ جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ باش نىشانى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن بولغان كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەت، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىش بىر تۇتاش پىلانلىنىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگو دىپلوماتىيەسى توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ خەلقئارالىق نەزەر دائىرىسى ۋە دۇنياۋى ھېسسىياتى نامايان قىلىندى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى، ئىنسانىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپە قوشۇشنى ئۆزىمىزنىڭ بۇرچى قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئارزۇسى بىلەن يۇغۇرۇپ ۋە جۇلالاندۇرۇپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىمىز كېرەك.

  بۈگۈنكى دۇنيا زور تەرەققىيات، زور ئۆزگىرىش، زور تەڭشىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، تىنچلىق بىلەن تەرەققىيات ھېلىھەم دەۋرنىڭ تېمىسى. ئىنسانىيەتكە تىرىشىپ تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپە قوشۇشتا يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ يېڭى مەزمۇنىنى ئىگىلەش كېرەك. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ مەزمۇنى ‹‹ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا پايدا ئېلىشنى يادرو قىلىش››تىن ‹‹بىر – بىرىنى ھۆرمەتلەش، ئادىل، ھەققانىي بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىش››كە تولۇقلاندى، بۇ ھەم يېڭى دەۋر جۇڭگو دىپلوماتىيەسى ئىدىيەسىنىڭ بېيىتىلىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇلۇشى، ھەم كەلگۈسى دۇنياۋى تەرتىپنىڭ ئۆزگىرىش يۆنىلىشى توغرىسىدىكى مۇھىم ھۆكۈم. يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك تاللاشنى زىچ چۆرىدىگەندىلا، كۈچلۈكلەر زومىگەر بولۇۋېلىش، غالىبلار ھەممىنى يۇتۇۋېلىش، ئىتتىپاق قۇرۇپ قارشىلىشىش، تىنچلىق ئەمەلگە ئاشمايدىغان سۆھبەت قاتارلىق كونا تەپەككۇر ئەندىزىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، شەمشەردىن ساپان ياساش، مەڭگۈ ئۇرۇش قىلماسلىق قارىشىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش، ئادىل، ھەققانىي بولۇش ئۇقۇمىنى كىشىلەر ئارىسىدا ئەمەلدە كۆرسەتكىلى بولىدۇ.

  ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك زىچ ئىتتىپاقلىشىپ باقمىغان، شۇنداقلا بۈگۈنكىدەك كۆپلىگەن ئورتاق خىرىسلارغا دۇچ كەلمىگەن. ‹‹تىنچلىق ئۇزاققىچە داۋام قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇش كېرەك››، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ‹‹بەش دۇنيا›› ئارقىلىق ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلدى. بۇ كۈرەش نىشانىغا يېتىشتە، بىر – بىرىنى ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەرلىك ئاساسىدا كېڭىشىپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىدىن قەتئىي ۋاز كېچىپ، دۆلەتلەر ئارا ئالاقىنىڭ قارشىلاشماي سۆھبەتلىشىدىغان، ئىتتىپاق تۈزمەي ھەمراھ بولىدىغان يېڭى يولىدا مېڭىش؛ تالاش – تارتىشنى سۆھبەتلىشىپ ھەل قىلىش، ئىختىلاپنى كېڭىشىپ پەسەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش؛ سودا ۋە سېلىنمىنىڭ ئەركىنلىشىشى ۋە قولايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد دۇنياۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ بولغان، ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان يۆنىلىش بويىچە راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش؛ دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىپ، مەدەنىيلىكتە ئالاقە قىلىش ئارقىلىق مەدەنىيلىك ئارازلىقىدىن ھالقىپ ئۆتۈش، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىش ئارقىلىق مەدەنىيلىك توقۇنۇشىدىن ھالقىپ ئۆتۈش، مەدەنىيلىكتە بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيلىك ئەۋزەللىكىدىن ھالقىپ ئۆتۈش لازىم؛ مۇھىت سۆيەرلىكتە چىڭ تۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ياشاش ماكانى بولغان يەر شارىنى ياخشى قوغداش كېرەك.

  جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇسى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئارزۇسى بىلەن بىردەك، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تىنچ خەلقئارا مۇھىت ۋە مۇقىم خەلقئارا تەرتىپتىن ئايرىلالمايدۇ. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، بىز تىنچ تەرەققىيات يولىدا، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىدە باشتىن – ئاخىر ئېغىشماي مېڭىپ، توغرا بولغان ئەخلاق، مەنپەئەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل يېڭى بىخەتەرلىك قارىشىنى تىكلەپ، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتەك تەرەققىيات ئىستىقبالىنى كۆزلەپ، ئىناق چىقىشىپ ئۆتۈش، ھەممىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان، يېشىل تەرەققىي قىلىدىغان ئېكولوگىيەلىك سىستېما بەرپا قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى، چاقىرىق كۈچى، ئىجادكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دۇنيا تىنچلىقىنىڭ تېخىمۇ ياخشى قۇرغۇچىلىرى، دۇنيا تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقۇچىلار، خەلقئارا تەرتىپنى قوغدىغۇچىلاردىن بولۇشىمىز كېرەك.

  دۇنيانىڭ تەقدىرى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ قولىدا، ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تاللىشىغا باغلىق. يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان جۇڭگو تىنچ تەرەققىي قىلىش يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىپ، يېڭى كەيپىياتنى ئۇرغۇتۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – ئاينىڭ 4 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى