شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايروپورتى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا كىرىپ چىقىدىغان ئاپتوموبىللار يانفوندا تېز تۆلەش ياكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاش ۋە بانكا بىرلەشمىسى IC كارتىسى ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە ھەق تۆلىسە بولىدىكەن. ھازىر بۇ ئىقتىدار سىناق باسقۇچتا بولۇپ، دېكابىردا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش مۆلچەرلەنگەن.
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايروپورتى ئوت ئۆچۈرۈش مۇھاپىزەت بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو بانكا بىرلەشمىسى ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايروپورتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا بانكا بىرلەشمىسى ئارقىلىق ھەق تۆلەش كەسپىنى يولغا قويغان، نۆۋەتتە بۇ ئايروپورت ۋاقتىنچە ئىككى-ئۈچ سىناق نۇقتىسىنى يولغا قويغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايروپورتىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا ئاپتوموبىل كىرگەندە ئاپتوماتىك ۋاقىت ھېسابلاش باشلىنىدىكەن، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىن ئاپتوموبىل چىققاندا ئاپتوماتىك ھەق ھېسابلىنىدىكەن. شوپۇلار نەق پۇل تۆلەشتىن باشقا، يەنە بانكا بىرلەشمسى ھەميېنى، يانفون بۇلۇت چىقىمى ياكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاش ئارقىلىق ھەق تۆلىسە بولىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايروپورتىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا 62 دىن باشلانغان بانكا بىرلەشمىسى يۇقىرى دەرىجىلىك كارتىسى بارلار «بىر يۈەنگە ئاپتوموبىل توختىتىش» مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن، شۇنداقلا 48 سائەت ئاپتوموبىل توختىتالايدىكەن.