تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

بالىڭىزنىڭ ۋاپاسىز بولۇپ قېلىشىدىكى بېشارەتلەرگە دىققەت قىلىڭ

      ھازىر بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا تەربىيە بەرگەندە: «ئۆيدىكى نەرسىلەر سېنىڭكى، ھەر قانداق نەرسىنى ساڭا بېرىشكە رازىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت ياخشى ئوقۇساڭلا بولدى» دېگەندەك گەپلەرنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. بۇنداق سۆزلەر بالىلارنى مەنمەنچى، باشباشتاق قىلىپ قويىدۇ.

     ئەگەر بالىڭىزدا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، چوقۇم توغرا يولغا يېتەكلەڭ.

1.ئاتا-ئانىسىغا گەپ ياندۇرۇش

     ھازىر كۆپىنچە ئائىلىلەردە يالغۇز پەرزەنت بولغاچقا، ئاتا-ئانىلار ئۇلارنىڭ كۆزىگە قاراپ چوڭ قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالا ئەركە چوڭ بولۇپ قالىدۇ. بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بۇ خاتالىقنى تاكى بالىسى چوڭ بولۇپ ئۇلارغا گەپ ياندۇرغۇدەك بولغاندا ئاندىن بايقايدۇ. ئاتا-ئانىلار بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇققاندا بالىلىرىغا ۋاقىرىماستىن، ئۇلارغا خاتالىقىنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈشى كېرەك. ئەلۋەتتە بۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانا بىر سەپتە تۇرۇشى ۋە بالىسىغا بىرلىكتە تەربىيە بېرىشى كېرەك.

2.مىننەتدارلىق ھېسسىياتى كەم بولۇش

     بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ھېچ ئىش قىلدۇرماي چوڭ قىلىدۇ، بولۇپمۇ بەزى ئانىلار: «قېيىنئانامنىڭ، مۇشۇ ئۆينىڭ جاپاسىنى بىر ئۆمۈر تارتىپتىمەن، قىزىم بولسىمۇ راھەتتە چوڭ بولسۇن» دەپ قىزىنى قازان بېشىغا يېقىن يولاتمايدۇ، نەتىجىدە بۇنداق چوڭ بولغان قىز ئائىلىدە ھۆكۈمرانغا ئايلىنىدۇ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىنى قىلىشقا تېگىشلىك ئىش دەپ قارايدۇ. توي قىلغاندىن كېيىن يا ئېرىنى، يا قېيىنئاتا-قېيىنئانىسىنى خۇش قىلالمايدۇ، شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى كىچىكىدىن باشلاپلا مۇناسىپ ئىشلارغا سېلىشى كېرەك.

3.شەخسىيەتچى بولۇپ قېلىش

     ئاتا-ئانىلار بالىلىرى ئوقۇش يېشىغا توشقاندا بۇرۇنقىدەك زىيادە ئەركىلىتىشلىرىنى، نەرسىلەرنىڭ ياخشىسىنى بېرىشنى،بالا نېمە دېسە شۇنى ئېلىپ بېرىشنى توختىتىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، بالا شەخسىيەتچى بولۇپ قالىدۇ.

4.خاتالىقىنى بوينىغا ئالماسلىق

     كۆپىنچە بالا خاتالىقىنى بوينىغا ئالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتا-ئانىلارنىڭ زىيادە مۇھەببىتى، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان سەمىمىيەتسىزلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ ئادەت ۋاقتىدا تۈزىتىلمىسە، كېيىنكى كۈنلەردە ئۇلارنى ئۆگىنىشتە، ئىجتىمائىي ئالاقىدە، تۇرمۇشتا پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.

شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى