تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

19–قۇرۇلتاي روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىمىز

  مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا سۆزلىگەن لېكسىيەسى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

  مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى 11 – ئاينىڭ 6 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، دوكلات بېرىش يىغىنىدا بىر ئاساسىي يىغىن مەيدانى، 121 شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 30 نەچچە مىڭ پارتىيە ئەزاسى، كادىر دوكلاتنى ئاڭلىدى. مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش جەمئىيەت ۋە قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شى جىخۇڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىنچىكە چۈشەندۈرۈپ ۋە شەرھلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس – بەستە مۇنداق دېدى: ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

   ئاكتىپ كۈچكە تولغان بىر قېتىملىق قالتىس كونسۇلتاتسىيە دەرسى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ئابلەت مەمەت دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: چوڭقۇر، جانلىق، مەزمۇنى مول، ئاساسىي تېمىسى روشەن بۇ لېكسىيە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشىدىكى ناھايىتى ياخشى كونسۇلتاتسىيە بولدى. ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى خىزمەتچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەتقىق قىلىش ۋە تەشۋىق قىلىش ۋەزىپىسى زىممىمىزگە يۈكلەنگەن، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى بىز ئۈچۈن ياخشى باشلامچى بولدى، شۇنداقلا بىزنىڭ كېيىنكى قەدەمدە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە چوڭقۇر تەتقىق قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدىغان نۇرغۇن يېڭى مەسىلە، يېڭى قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىزنىڭ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشىمىزدا ياخشى باشلامچى بولدى، ئىشىنىمىزكى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا چوقۇم ئەمەلىيلىشىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى ئىقتىسادشۇناسلىق كافېدراسىنىڭ مۇدىرى جۇ بىن مۇنداق دېدى: دوكلات بېرىش يىغىنى ھەم ئاممىباب، چۈشىنىشلىك، ھەم چوڭقۇر مەزمۇنلۇق بوپتۇ، دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى چوڭقۇر تەسىرلەندىم، كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچنى ھېس قىلدىم. بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا مىسلىسىز يېقىنلاشتۇق، بىز بۇ نىشاننىڭ يېتەكچىلىكىدە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن شىنجاڭلىقلارنىڭ تۆھپىسىنى قوشۇشىمىز كېرەك.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە قانۇنچىلىق ئىشخانىسىنىڭ كادىرى ئابدۇقاھار ئوسمانجان ئاقسۇ شۆبە يىغىن مەيدانىدا لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ئىزچىل ئۆگىنىۋاتىمەن، بۈگۈنكى لېكسىيەنى ئاڭلاپ يېڭى تونۇش ۋە تەسىراتقا ئىگە بولدۇم. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە مۇھىم كاپالىتى، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك قانۇن – نىزاملىرىنى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەمەلىي خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد – سودا ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى بۇھەجەر ئابلا دوكلاتنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ياشلاردىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ‹‹ياشلار روناق تاپسا، دۆلەت گۈللىنىدۇ، ياشلار كۈچەيسە، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ››، دېدى. جەمئىيىتىمىزنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەر ياشلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى سۇپا ھازىرلاپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋر ئۈچۈن ھەرقايسى جەھەتلەردە لاياقەتلىك ئىز باسارلارنى تەربىيەلەپ چىقىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قادىربېك خاقان مۇنداق دېدى: لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىنى چوڭقۇر چۈشەندىم، بولۇپمۇ مەدەنىيەت ئىشەنچىدىن ئىبارەت بۇ بابنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ چۈشەندىم. بىزنىڭ ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىپ، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز مەدەنىيەت ئۇرغۇتقان مەنىۋى كۈچتىن ئايرىلالمايدۇ، بىز جۇڭگونىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى يۈكسەلدۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىشىمىز كېرەك.

  تارباغاتاي شۆبە يىغىن مەيدانىدا، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇڭ فاگو دوكلاتنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: دوكلات بېرىش يىغىنى ناھايىتى قىزغىن بولدى، ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، بۇنىڭدىن كېيىن بىز ‹‹سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بايلىق›› دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تارباغاتاينىڭ ياخشى ئېكولوگىيە بايلىقىغا تايىنىپ، ساياھەت داڭلىق ماركىسىنى يارىتىپ، ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان – چارۋىچىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەيمىز.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزىمىز

  ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خۇ خەنمىن مۇنداق دېدى: دوكلات بېرىش يىغىنى ھەم نەزەرىيە يۈكسەكلىكىگە، ھەم ئومۇمىيەت نەزەر دائىرىسىگە ئىگە؛ ھەم چوڭقۇر تارىخىي چوڭقۇرلۇققا، ھەم رېئال قاراتمىلىققا ئىگە، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەننىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشىدا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭدىن كېيىن بىز پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى پۈتكۈل خىزمەتكە سىڭدۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاياللارنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئاياللارنىڭ كۈچىنى قوشىمىز.

  قومۇل شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش ئىشخانىسىنىڭ كادىرى ۋەن جىڭ قومۇل شۆبە يىغىن مەيدانىدا لېكسىيە دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ياشاپ، خىزمەت قىلىۋاتقىلى يەتتە يىل بولغان، تاللاپ يۆتكەپ كېلىنگەن ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان قومۇلدا يۈز بەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرى ئېلىپ كەلگەن بەختنى بىۋاسىتە ھېس قىلدىم. ئەتراپىمدىكى كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

  بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى شۆبە يىغىن مەيدانىدا، بورتالا ئوبلاستلىق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى، مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېڭ مو مۇنداق دېدى: مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ چوڭقۇر، سىستېمىلىق تەشۋىقاتى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەقىقىي ئۆگىنىش، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىزغا ياردەم بەردى، بۇنىڭدىن چوڭقۇر ھاياجانلاندىم، ئىشەنچىم تېخىمۇ ئۇرغۇدى. بىز ئوقۇتقۇچىلارنى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەرگە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىشكە ئەۋەتتۇق، مەخسۇس تېما، مەخسۇس تىل تۈرى بويىچە دەرس تەييارلاپ، قانات يايدۇرۇلۇش ئالدىدىكى مەخسۇس تەربىيەلەش ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلىمىز؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇتقۇچىلارنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ تەشۋىق قىلىشقا تەشكىللەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە، ھەممە كىشىگە بىلدۈرىمىز.

  (مۇخبىرلىرىمىز دۇڭ شاۋخۇا، ياۋ تۇڭ، لى ياڭ، تارباغاتاي مۇخبىرلار پونكىتىدىن ۋاڭ چۈنلىن، فەن چۈنخەي، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز جاڭ خۇڭ، جۇ خۇيفاڭ، شى تىڭتىڭ، ۋاڭ چىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى