تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ پارتىيە 19 –قۇرۇلتىيىنىڭ روھىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلدى

  چېن چۈەنگو دوكلات بېرىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى شى جىخۇڭ لېكسىيە دوكلاتى بەردى

  مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، دۇڭ شاۋخۇا، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى 11 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ئاپتونوم رايونىمىزدا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو دوكلات بېرىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش جەمئىيەت ۋە قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شى جىخۇڭ لېكسىيە دوكلاتى بەردى.

  شى جىخۇڭ دوكلاتىدا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ تەنتەنىلىك ئېچىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەم پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ باش تېمىسى ۋە 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىنىڭ تېمىسىغا سىڭدۈرۈلگەن چوڭقۇر، مۇھىم تارىخىي مەزمۇن ۋە قۇرۇلتاينىڭ رېئال ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكى، ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پەللىگە قەدەم قويغانلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش؛ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە ئاساسىي تەدبىرىنىڭ ئىدىيەۋى جەۋھىرى ۋە يادرولۇق ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش؛ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاساسىدا، ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باي – قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش؛ 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار توغرىسىدا چىقىرىلغان بىر قاتار مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن كېيىنكى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە سەككىز جەھەتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆزلەشتۈرۈش قاتارلىق ئالتە تەرەپتىن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى سىستېمىلىق شەرھلىدى ۋە چوڭقۇر چۈشەندۈردى.

  شى جىخۇڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ تۈپ، ئەڭ ئاچقۇچلۇق تارىخىي مۇۋەپپەقىيەت شۇكى، يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئەڭ چوڭ تارىخىي تۆھپىسى شۇكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىدىن ئىبارەت زور سىياسىي ھۆكۈم چىقىرىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تارىخىي ئورنى بېكىتىلىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىي تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىز ئىشلىرى ئىلمىي يېتەكچىگە ئىگە قىلىندى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدە ئېلىمىز تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن بىر قاتار مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەر تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە، تېخىمۇ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن تەپەككۇر قىلىندى ۋە ئىگىلەندى، نەزەرىيە جەھەتتە يېڭى نەزەر دائىرە ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلدى، يېڭى خۇلاسە چىقىرىلدى، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش مەسىلىسىگە سىستېمىلىق جاۋاب بېرىلدى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردە كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىككە، ئىستراتېگىيەلىككە، ئالدىن كۆرەرلىككە ۋە يېتەكچىلىككە ئىگە ھەرىكەت پىروگراممىسى.

  چېن چۈەنگو دوكلات بېرىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، بۇ قېتىمقى مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا لېكسىيە سۆزلەشكە كەلگەنلىكىنى پۇرسەت بىلىپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا مۇجەسسەملەش كېرەك. بىرىنچى، ئاساسىي لىنىيەنى گەۋدىلەندۈرۈش، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇلتاينىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئېغىشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق ئىدىيەمىزنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، قەتئىي ئېغىشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە نامايان قىلىش كېرەك. ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئۆگىنىش، چۈشىنىش، ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، تەشۋىقات – لېكسىيە پائالىيىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روشەن باش تېمىسىنى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مول مەزمۇنىنى، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتتە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىنى، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىنى، قەتئىي ئېغىشماي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت زور ئورۇنلاشتۇرمىنى ئېنىق سۆزلەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەمەلىيەتكە يۈزلەندۈرۈش، چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، ئەمەلىي ئۈنۈمنى گەۋدىلەندۈرۈش، بىر تەرەپتىن، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك تەشۋىق قىلىپ ۋە ياخشى چۈشەندۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان، ئۆزلەشتۈرەلەيدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرەلەيدىغان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلى، كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان، ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ۋە ئاڭلىق ھالدا جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى شىنجاڭدا يىلتىز تارتقۇزۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ ياخشى يارىتىش كېرەك.

  دوكلات بېرىش يىغىنى تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ۋىلايەت (ئوبلاست)، ناھىيە (شەھەر، رايون)لەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى، 30 نەچچە مىڭ كىشى دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى. ئۈرۈمچىدىكى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدىكى دوكلات بېرىش يىغىنىغا شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، ليۇ ۋەنلۇڭ، شەۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۆلكە باشلىقى، جۈنجاڭ دەرىجىلىك رەھبىرىي يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ئەزالىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دەم ئېلىشقا ۋە پېنسىيەگە چىققان ئۈرۈمچىدە بار قىسمەن پېشقەدەم يولداشلار، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلار ۋە قىسمەن ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە سۆزلەش تايانچلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئەزالىرى ۋە نەزەرىيە خىزمەتچىلىرى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى