تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

3 - ئەۋلاد يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىياللار پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى

شىنخۇا تورى خەۋىرى: ياۋرۇ-ئاسىيا 3 - ئەۋلاد يېرىم ئۆتكۈزگۈچ مۇنبىرى يىغىنى يېقىندا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنجېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، سىلىكون كاربىد، گاللىي نىترىد قاتارلىق  3 - ئەۋلاد يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىدىغان 200 دىن ئارتۇق داڭلىق مۇتەخەسسىس ، ئالىم ۋە سانائەت ساھەسىدىكى زات يىغىنغا قاتنىشىپ، 3 - ئەۋلاد يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىياللارنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى مۇھاكىمە قىلدى.

خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئۇچۇر تېخنىكىسى تەتقىقاتى ۋە مەسلىھەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان گارتنېر شىركىتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017 - يىلى دۇنيادىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ بازىرىنىڭ ئومۇمىي تىجارەت كىرىمى 411 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، 2016 - يىلىدىكىدىن % 19.7 ئاشقان. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، يەر شارى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ بازىرىنىڭ ئومۇمىي تىجارەت كىرىمى 2014 - 2016 يىلغىچە 340 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بولغان. 2017 - يىلى ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ باھاسى پەسىلمۇ پەسىل ئۆرلىگەنلىكتىن، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ بازىرىنىڭ كىرىمى تېز ئاشقان. 2018 - يىلى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ بازىرىنىڭ كىرىمىنىڭ % 4 ئېشىپ، 427 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىشى ھەمدە داۋاملىق يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىش مۆلچەرلەنگەن.

   ئىگىلىنىشىچە، سىلىكون كاربىد، گاللىي نىترىد قاتارلىق 3 - ئەۋلاد يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىياللار يېقىنقى يىللادىن بۇيان پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ خىل 3 - ئەۋلاد يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىياللار چەكلەنگەن بەلباغ كەڭلىكىگە ئىگە، تېشىپ ئۆتۈش ئېلېكتر مەيدانى سىجىللىقى يۇقىرى، تويۇنغان ئېلېكتىرونلۇق يۆتكىلىش ئۈنۈمى يۇقىرى ، ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش نىسبىتى يۇقىرى، ئېلېكتىر كونستانتى كىچىك، رادىياتسىيەگە قارشى ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، كەڭ كۆلەمدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشقا، ئوربېتا كېسىشمە بۇلۇڭى، ئەقلىي ئېلېكتىر تورى، يېڭى ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىشى، ئىستېمال تۈرىدىكى ئېلېكترونلۇق ساھەلەر، ئۇچۇر ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىدىكەن، بۇ خىل 3 - ئەۋلاد يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىياللىرى ئامېرىكا، ياۋروپا، ياپونىيەنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ساھەسىدىكى مۇھىم تەتقىقات يۆنىلىشىگە ئايلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى