ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ليۇ جې خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 5 - نويابىر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ تىرانسپورت نازارىتى ئاچقان ئىشلەپچىقىرىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2017 -يىلى شىنجاڭنىڭ قاتناش قۇرۇلۇشىغا 200 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان بولۇپ، 25 – ئۆكتەبىرگىچە 3602 تۈردە قۇرۇلۇش باشلىنىپ، بۇ تۈرلەرگە جەمئىي 169 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىپ، يىللىق پىلاندىكى ۋەزىپىنىڭ % 84.5 نى تاماملانغان.
ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى خۇڭبىن مۇنداق دېدى : قاتناش تۈرى قۇرۇلۇشلىرى ھازىر ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالدى، ھاۋانىڭ سوۋۇشى قۇرۇلۇشقا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، ھەر قايسى جايلار جاپاغا چىداپ ئىشلەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسلىق تۈرلەرنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرمەكتە.