تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

بالىلار نېمىشقا ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشتىن بىزار بولىدۇ

تۇرسۇنمۇھەممەت توختى

    مەن بەزىدە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە بىر قىسىم يىغىن ياكى لېكسىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ قالىمەن ۋە بەزىدە چوڭلارمۇ ئالدىراپ چۈشىنىپ بولالمايدىغان، نەزەرىيەۋىلىكى كۈچلۈك، ئابستراكت مەزمۇنلارنىڭ سۆزلىنىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولۇپ قالىمەن. مېنىڭچە، بالىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى ۋە قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا ماس كەلمەيدىغان، ئىلمىيلىككە يات بۇ خىل تەلىم-تەربىيە بالىلاردا ئوخشاشمىغان دەرىجىدە بىزارلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ، ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشنىڭ زېرىكىشلىك ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ، ئوقۇش قىزغىنلىقىنى سۇسلاشتۇرىدۇ. بالىلارنىڭ بالىلارغا خاس دۇنياسى بولىدۇ، ئۇلار «بىلىم»، «مائارىپ»، «بازار ئىگىلىكى»، «كاپىتالىزىم» دېگەندەك ئۇقۇملارنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيدۇ ھەم بۇنداق چۈشىنىكسىز سۆزلەرنى ئاڭلاشقىمۇ قىزىقمايدۇ. ئۇلار بالىلار تىلىدا سۆزلەنگەن مەسەل ۋە چۆچەكلەرگە، رەسىمگە، ئەتراپىدىكى جان-جانىۋارلارغا، تەبىئەتتىكى شەيئى ۋە ھادىسىلەرگە، ئاسمان جىسىملىرىغا بەكرەك قىزىقىدۇ، دېمەتلىكلىرى بىلەن ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ بالىلارنىڭ تەبىئىتى. ئەتراپىمىزغا دىققەت قىلىدىغان بولساق، بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ تىرىشىپ ئۆگەنمەيۋاتقانلىقىدىن قاقشاۋاتقانلىقىنى، دەرسكە كىرگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ۋايساۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، كۆرۈپ تۇرىمىز. دەرۋەقە، بەزى ئوقۇغۇچىلاردا ئۆگىنىشتىن سوۋۇش خاھىشى ھەقىقەتەن مەۋجۇت. ئۇنداقتا، ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىشتىن ھۇزۇر ھېس قىلالمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىش، ئوقۇشقا نىسبەتەن ئاكتىپ ۋە تەشەببۇسكار پوزىتسىيەدە بولمايدۇ؟ بۇ جەھەتتە مەن ئۆزۈم مۇھىم دەپ قارىغان بىرقانچە تۈرلۈك ئوبيېكتىپ سەۋەبنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن:

    1) كۆپ ساندىكى ئائىلە باشلىقلىرى پەرزەنتلىرىنىڭ كېيىنكى ئوقۇشىغا پۇختا ئاساس سېلىش مەقسىتىدە، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارغا بالدۇرلا سان-سېفىر ۋە ھەرپلەرنى ئۆگىنىشنى باشلىۋېتىدۇ. بالىلار باغچىلىرىمۇ مەخسۇس دەرس جەدۋىلى تۈزۈپ، ئەسلىدە باشلانغۇچ 1-يىللىقتا ئوقۇتۇشقا تېگىشلىك مەزمۇنلارنى ئالدىن ئۆگىتىشكە باشلايدۇ. نەتىجىدە بالا باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرمەي تۇرۇپلا ئۆگىنىش بېسىمىغا دۇچ كېلىدۇ. گەرچە 1-يىللىققا كىرىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئىمتىھان ئېلىشنىڭ ئۆزى ئەقىلگە سىغمايدىغان خاتا ئىش بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم باشلانغۇچ مەكتەپلەر 1-يىللىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، ئىمتىھان ئېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق نەتىجىسى ياخشىلىرىنى ئالدىن قوبۇل قىلىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بىز تەلىم-تەربىيەنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدىلا قەدەمنى خاتا بېسىپ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنىڭ سەبىي قەلبىدە ئازابلىق ھېسسىياتنى پەيدا قىلىمىز. كاللىسى ناھايىتى ساز، شوخ، ئويۇنغا ئامراق، لېكىن ئالدىن ئۆگىنىشنى باشلىمىغان بىر قىسىم بالىلار ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىمتىھاندا شاللىنىپ قېلىپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ ياكى «مەن دۆتكەنمەن، باشقىلارغا يەتمەيدىكەنمەن» دەيدىغان ئاڭنى پەيدا قىلىۋالىدۇ. بۇ خىل ئىدىيەۋى توسالغۇ بالىلارنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويىدۇ. ئەتراپىدىكى شەيئى ۋە ھادىسىلەر يېڭىلىق تۇيۇلۇپ، دۇنياغا قىزىقىش نەزەرى بىلەن باقىدىغان ئاشۇ سەبىي بالىلارنىڭ ئېھتىياجىدىن ئېيتقاندا، ئۇلار ئۆز ئەركى بويىچە ئىش قىلىشنى، كاللىسىدا شەكىللەنگەن نۇرغۇنلىغان «نېمە ئۈچۈن»لەرنىڭ سەۋەبىنى بىلىشنى، ئويۇن ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەگەر بىز بالىلارنىڭ بۇ خىل مەنىۋى ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشنى ئويلاشماي، ئۇلارغا ئۆگىنىش قىلىشنى ۋەزىپە سۈپىتىدە تاڭساق، ھەرگىزمۇ ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشىنى قوزغىيالمايمىز. چۈنكى ئۇلار بۇ خىل ئۆگىنىشنىڭ مۇددىئا-مەقسىتىنى، ئۆگىنىۋاتقانلىرىنىڭ نېمىگە ئەسقاتىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆڭۈللۈك بىر ئىشمۇ ۋەزىپە سۈپىتىدە تېڭىلغاندا كۆڭۈلسىز ئىشقا ئايلىنىدۇ. بولۇپمۇ، بالىلارغا نىسبەتەن چۈشىنىش قىيىنراق بىلىملەرنى بىلدۈرۈشتە، بۇ خىل بىلىمنى ئۇلارنىڭ چۈشىنىش دائىرىسىدە ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاپ، كونكرېت شەيئى ۋە ھادىسىلەرگە باغلاپ، ئوبرازلىق ئۇسۇللاردا چۈشەندۈرمەي، بالىلاردا ئەمەلىي چۈشەنچە ھاسىل قىلماي تۇرۇپ، نوقۇل نەزەرىيە سۆزلەش ئۇسۇلىدا ئۆگىتىلگەن بىلىم ئۇلارنى تېخىمۇ بەك گاڭگىرىتىپ قويىدۇ. بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار دەرسلىك كىتابلاردىكى بىلىملەرنى قانچە بالدۇر ئۆگەتسەك بالىلىرىمىز باشقىلارغا قارىغاندا بىر قەدەم بولسىمۇ ئالدىدا ماڭالايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل ئۇسۇل بالىلارنىڭ باش پەللىدىلا ئۆگىنىشتىن سوۋۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بالىلار نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىشكە قىزىقىدۇ، بولۇپمۇ يېڭى شەيئىلەرنى كۆرۈش ۋە چۈشىنىشكە ئىنتىلىپ تۇرىدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە قانداق ئۆگىتىش ۋە قانداق بىلدۈرۈشتىكى ئۇسۇل، مېتود مەسىلىسى بولۇپ، بىز بالىلارغا مەلۇم نەرسىنى بىلدۈرمەكچى بولغاندا، بالىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى ۋە قىزىقىشىنى چىقىش قىلىپ، ئۆگەتمەكچى بولغانلىرىمىزنى ئويۇن ياكى باشقا جانلىق پائالىيەتلەرگە سىڭدۈرسەك، رېئال تۇرمۇشىمىزنى ئۆگىنىشنىڭ سەھنىسىگە ئايلاندۇرالىساق، ئۆگىتىش ئۇسۇلىمىز ئۇلارغا خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلىسە، ئۆگىنىش ۋەزىپە تۈسىنى ئېلىپ قالمىسا… ئاندىن بالىلار ئۆگىنىشتىن ھۇزۇر ئالالايدۇ، ئۆزى خالاپ تىرىشىدىغان بولىدۇ. ئۇنداق قىلمىغاندا، بىر نەرسىنى ئۆگىنىشكە نىسبەتەن بالىلارنىڭ ئېھتىياج تۇيغۇسىنى پەيدا قىلماي، قىزىقىشىنى قوزغىماي تۇرۇپ ئۆگىتىلگەن ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ. بالىلارنىڭ «ئاشقازىنى»نىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ۋە «ئىشتىھاسى»نى كۆزدە تۇتماي «تاماقنى» مەجبۇرلاپ يېگۈزۈش، بالىلارنىڭ تەبىئىيىتى بىلەن ھېسابلاشماي كۆپ نەرسىلەرنى بىلدۈرۈشكە كۈچەپ كېتىش، بىلىم بېرىشكە ئالدىراپ قىزىقىش يېتىلدۈرۈشكە سەل قاراش، نۆۋەتتىكى تەلىم-تەربىيەلىرىمىزدىكى تۈزىتىش تولىمۇ زۆرۈر بولغان ئاجىزلىقلارنىڭ بىرى بولسا كېرەك.

    2) مەكتەپ قاتارلىق بىر قىسىم تەلىم-تەربىيە ئورۇنلىرىنىڭ باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا ئازدۇر-كۆپتۇر نۇقسانلار مەۋجۇت. گەرچە ساپا مائارىپى كۈچەپ تەكىتلىنىۋاتقان بولسىمۇ، مەكتەپلەر يەنىلا ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇشنى خىزمەتلەرنىڭ چىقىش نۇقتىسى قىلماقتا. ئىمتىھان مائارىپىلا بولىدىكەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىنىپتا ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلاش ۋاقتى كۆپ، دەم ئېلىش ۋاقىتلىرى ئاز بولىدۇ، بىر كۈن سىنىپتا ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلىغاننى ئاز دەپ، ئۆيگە كەلگەندىمۇ ئۆگەنمىسە، تاپشۇرۇق ئىشلىمىسە بولمايدۇ، ھەتتا بەزىدە بالىلار قانغۇدەكمۇ ئۇخلىيالمايدۇ. ئۇلارغا مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلار تەرىپىدىن يېڭىدىن يېڭى ۋەزىپىلەر چۈشۈپ تۇرغاچقا، غەملىرىمۇ كۆپىيىپ بارىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش يۈكىنىڭ ئېغىر بولۇشى، ئۆگىنىدىغان مەزمۇنلارنىڭ قىيىن ۋە كۆپ بولۇشى، پائالىيەتلەرنىڭ ئاز بولۇشى، مەكتەپلەرنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپلا قالماي، ئۆگىنىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالمايۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئاسانلا ئۆگىنىشتىن بىزار بولۇش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ، باشلانغۇچنىڭ تۆۋەن يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى 7-8 سائەتلەپ سىنىپقا سۇلىۋېلىپ سىستېمىلىق دەرس ئۆتۈشنىڭ ئۆزىلا بالىلارنىڭ بىلىمگە بولغان ئىشتىھاسىنىڭ تۇتۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ھەم بالىلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا پايدىسىز.
    سىنىپتا جىم ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلاش بىزگە نىسبەتەن بۇرۇندىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنە. بىراق جىم تۇرالماسلىق، دىققىتىنى بىر نەرسىگە ئۇزۇن ۋاقىت مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك، ئۇششاق ھەرىكەتلەرنى كۆپ قىلىش قاتارلىقلار بالىلارنىڭ ئەسلىي تەبىئىيىتى بولۇپ، ئوقۇتۇش تۈزۈمى ۋە تەلەپلەر بۇ خىل تەبىئەتنى رەت قىلىدۇ. تەبىئىي قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىنمىغان، مەجبۇرلاش تۈسىنى ئالغان ھەرقانداق ئىش قىزغىنلىق پەيدا قىلالمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، مەكتەپلەر تەشكىللەيدىغان بىر قىسىم پائالىيەتلەر، تەربىيە شەكىللىرى بالىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى ۋە قىزىقىشىغا ماس كەلمەيدۇ، شۇڭا بالىلارنىڭ مەيلىنى تارتالمايدۇ، ئۆزىگە رام قىلالمايدۇ. مەكتەپ تەلىم-تەربىيەسىدىكى نۇقسانلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشتىن بىزار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى.
    3) بەزى دەرسلىك كىتابتىكى مەزمۇنلاردا قوللىنىشچان، تۇرمۇشقا يېقىن مەزمۇنلار ئاز، ئابستراكت مەزمۇنلار كۆپ بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنى ئاسانلا زېرىكتۈرۈپ قويىدۇ. چۈنكى بالىلارنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارى تۆۋەن، تۇرمۇش تەجرىبىسى كەمچىل، بىلىدىغانلىرى چەكلىك، لوگىكىلىق تەپەككۇرى تېخى پىشىپ كېتەلمىگەن بولغاچقا، ئابستراكت بىلىملەرگە ئالدىراپ قىزىقىپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش مېتودى يۇقىرى بولمىسا، دەرسلىكتىكى مەزمۇنلارنى ئاددىي، چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلىمەي، ئەكسىچە تېخىمۇ سىرلىق نەرسىگە ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ. دەرسلىكتىكى مۇرەككەپ مەزمۇنلار قانچە ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، قانچە چۈشىنىشلىك سۆزلەنسە، قوبۇل قىلىنىشچانلىقىمۇ شۇنچە ياخشى بولىدۇ. چوڭلار مەلۇم بىلىم ياكى ماھارەتنى ئۆگىنىشتە، ئۇنىڭ قىممىتى بىلەن كۆپرەك ھېسابلىشىدۇ. ئەمما، بالىلار ئۆگىنىۋاتقانلىرىنىڭ قىممىتىنى تولۇق چۈشىنىپ كەتمەيدۇ، ھەم ئۇنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكى بىلەنمۇ ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ، ئۇلارنىڭ قىزىقىدىغىنى ۋە ئەھمىيەت بېرىدىغىنى پەقەت دەرس مەزمۇنىنىڭ قىزىقارلىق ۋە چۈشىنىشلىك بولۇشىدۇر. بالىلارنىڭ بىلەلمىگەن، چۈشىنەلمىگەن دەرسلىرى ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىيالمايدۇ، بىلمىگەنسېرى ئۆگەنگۈسى كەلمەيدۇ، ئاخىرىدا ئۈمىدسىزلىنىپ بەل قويۇۋېتىدۇ. دەرسلىكلەردىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار ھەقىقەتەن قىيىن بولۇپ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار تىرىشىپ بېقىپمۇ بىلمىگەنلىكتىن، ئۆزىگە نىسبەتەن ئىشەنچىنى يوقىتىپ قويىدۇ. دەرسلىك كىتاب تۈرلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى، ئۆگىنىدىغان، يازىدىغان، ئىشلەيدىغان نەرسىلەرنىڭ زىيادە بولۇشى، ئاتا-ئانىلارنىڭ ھە دېسىلا بالىلىرىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىشى ئەمەلىيەتتە قورقۇنچلۇق تەتۈر ئۈنۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دەرسلىك كىتابلارنى بالىلارنىڭ بېلىش دائىرىسى ۋە قوبۇل قىلىش چېكىنى، پىسخىك ئالاھىدىلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ تۈزگەندە، ئاندىن بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

    4) مېھىر-مۇھەببەت يېتەرلىك بولماسلىق. بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىنىڭ ۋۇجۇدىغا يوشۇرۇنغان ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئېتىبارسىز قاراپلا قالماي، ھەتتا ئۇلاردا ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇشقىمۇ ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىدا قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى بىلەن ھېسابلاشماي، پەقەت دەرسلىك كىتابلاردىكى بىلىملەرنى يەتكۈزۈشكىلا كۈچەپ، تولىمۇ يەڭگىلتەكلىك بىلەن دەرستە ئېرىشكەن نەتىجىسىگە، ئىمتىھاندا ئالغان نومۇرىغا ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارنى باھالايدۇ ۋە شۇ بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ. نەتىجىدە دەرس نەتىجىسى تۆۋەنرەك بىر قىسىم بالىلارنىڭ روھى چۈشۈپ، ئۆگىنىش قىزغىنلىقى سۇسلايدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئاتا-ئانا ۋە ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنى چۈشىنىشى، ئۇلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، بالىلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى دەرستىن باشقا ئالاھىدىلىك ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئېسىگە سېلىپ، ئۇنىڭغا رىغبەت، ئىشەنچ، ئۈمىد ئاتا قىلىشى، بالىلارغا پىسخىكىسى ساغلام ئادەم بولۇشنىڭ دەرس نەتىجىسىدىنمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشى لازىم.

    5) بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ پەن-مەدەنىيەت ساپاسى ۋە مائارىپ ئېڭى يەنىلا تۆۋەن، ئىلمىي تەربىيە تەلىپىدىن خېلىلا يىراق، بولۇپمۇ ئائىلە تەربىيەسىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلىدا ئېغىر نۇقسان مەۋجۇت. مىسالى، بەزىلەر بالىغا ئامراقلىقىنى چەكتىن ئاشۇرۇۋەتسە، بەزىلەر ئاچچىقى كەلگەندە رەھىمسىزلىكنى چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بەزىلەر تېخى تەلىم-تەربىيە مەكتەپنىڭ ئىشى، دەپ ھەممىنى مەكتەپكە ئارتىپ قويىدۇ. يەنە تېخى بەزى ئائىلە باشلىقلىرى ئائىلە مائارىپنىڭ زادى نېمىلىكىنىمۇ ئېنىق بىلمەيدۇ. بىر قىسىم ئائىلىلەر بالىنى پەقەت باقىدۇ، تەربىيەلەشتىن ئېغىز ئېچىش تەس. كۆپ قىسىم ئائىلە باشلىقلىرى گەرچە پەرزەنتلىرىگە ياخشى ئۆگىنىش توغرىسىدا نەسىھەتنى بولۇشىغا قىلسىمۇ، ئەمما ئۆزى ئۆگىنىش قىلىپ بالىلارغا ئۈلگە بولۇشنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ. نۇرغۇن ئائىلىلەردە ئىلىمنىڭ گېپى ئاز بولىدۇ ياكى بولمايدۇ، پەننىي ساۋاتلار، ئىلمىي مۇنازىرىلەر، كىتاب ئوقۇش تەسىراتى، ئىلىم ساھەسىدىكى يېڭىلىقلارنى تۇرمۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىدىغان ئائىلىلەرمۇ ئۇنچە كۆپ ئەمەس. ھەتتا بەزى ئاتا-ئانىلار پۈتۈن ئۆمرىدە بىرەر پارچە كىتابنىمۇ تۈگىتىپ ئوقۇپ باقمايدۇ. بولۇپمۇ، بىر قىسىم ئائىلىلەردە جېدەل-ماجىرانىڭ قۇرۇماسلىقى، كۆڭۈلسىز كەيپىياتنىڭ ئۇزۇن مەزگىل داۋام قىلىشى، يېتىم بالىلارنىڭ كۆپىيىشى دېگەندەك ئائىلە كىرزىسلىرى بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە پىسخىكا جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئوخشاشمىغان دەرىجىدە سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنىڭ سۇسلاپ كېتىشىگە سەۋەب بولماقتا. دېمەك، بالىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىپىسى ياخشى ئوقۇش. ئوقۇغاندىمۇ قىزىقىپ تۇرۇپ ئۈنۈملۈك ئوقۇشتۇر. بىز بالىلىرىمىزنى كەلگۈسىدە كېرەكلىك ئادەملەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقسۇن دېسەك، چوقۇم بىر قىسىم بالىلارنىڭ ئۆگىنىشكە قىزىقماسلىقتىكى ئېنىق سەۋەبىنى تېپىپ چىقساق ۋە ئۇنى تۈزەتسەك، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ۋە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى، شۇنداقلا ياراملىق خادىملارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىگە ياخشى ئاساس سالغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى