تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا چىڭ تۇرايلى

   پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (7)

  ‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىمۇ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. 90 يىللىق شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن غالىب قوشۇن يېڭى تارىخىي پەللىدە تولۇق تەييارلىق بىلەن قايتا سەپەرگە ئاتلانماقتا.

  ‹‹ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش لازىم››. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئومۇمىيىتى كۆزدە تۇتۇلۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ‹‹ئۈچ قەدەم بويىچە مېڭىش›› ئىستراتېگىيەسى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا ماشىنىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشقا، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە، ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارنى كۆپرەك ئۆستۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، 2035 – يىلىغا بارغاندا دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىش، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا خەلق ئارمىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك دۇنياۋى قالتىس ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش لازىم، دەپ تەكىتلەندى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان، ئىستىلى دۇرۇس خەلق ئارمىيەسى قۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا چىڭ تۇرۇشتا چوقۇم پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش شەرت، بۇ خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە قۇرۇش ئاساسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىنىڭ جېنى. ‹‹ئالتۇن رەڭ يۇلتۇز ھەربىي بايراقتا چاقنىماقتا، بىزنىڭ پىرىنسىپىمىز قورالغا پارتىيە قوماندانلىق قىلىش››، 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ‹‹پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش›› يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىنىڭ بىرى قىلىندى. دۆلەت خەۋپسىزلىك مۇھىتىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىش ئالدىدا، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتەك دەۋر تەلىپى ئالدىدا، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا چىڭ تۇرۇشتا، ئەڭ مۇھىمى پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىشىدىكى بىر قاتار تۈپ پىرىنسىپ ۋە تۈزۈمنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا پارتىيە بايرىقىنى بايراق، پارتىيە يۆنىلىشىنى يۆنىلىش، پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى ئىرادە قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تۈپ كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا چىڭ تۇرۇشتا ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش تەدبىرىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن – تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئارمىيەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ‹‹قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىش›› تېمىسىدىكى تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، ھەربىيلەر شان – شەرەپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتقاندىلا، يېڭى دەۋرگە خاس روھلۇق، ئىقتىدارلىق، جىگەرلىك، ئەخلاقلىق ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنى يېتىلدۈرۈپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىغىلى بولىدۇ. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، بىز چوقۇم دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھەربىي تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز ۋە راۋاجلاندۇرۇشىمىز؛ پەن – تېخنىكا يادرولۇق جەڭگىۋار كۈچ، دېگەن ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ، ئىجادچان خەلق ئارمىيەسى قۇرۇشىمىز؛ ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنىڭ تۈپتىن ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

  ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا چىڭ تۇرۇشتا چوقۇم يېڭى قاراشنى يېتەكچى قىلىپ، ‹‹بەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش››نى، يەنى دىققەتنى ئەمەلىي ئۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، سىستېما قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، يۇقىرى ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، ئارمىيە ئېھتىياجى بىلەن خەلقنىڭ ئېھتىياجىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. بارلىق خىزمەتتە چوقۇم جەڭگىۋارلىق ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىچە ئۇرۇش قىلىش كۈچى ۋە كاپالەت كۈچىنى راۋاجلاندۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيەسى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك... پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ يېڭى تەلەپلەردە يېڭى تەرەققىيات قارىشى گەۋدىلەندۈرۈلدى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش تەپەككۇرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى خىزمەت تەپەككۇرىغا، خىزمەت تەدبىرىگە ۋە كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرغاندا، ئۈنۈملۈك ۋەزىيەت يارىتىپ، كىرىزىسنى تىزگىنلەپ، ئۇرۇشنى توسۇپ، جەڭدە غەلىبە قىلىپ، دۆلەتنى بېيىتىش بىلەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ بىردەكلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.

  جۇڭگودىكى ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقا، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقا ئۆتۈشكىچە بولغان 100 يىلدىن بۇيانقى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئەسلەپ، مىللىي گۈللىنىشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا نەزەر سالساق، مۇنداق ناھايىتى ئېنىق خۇلاسىگە كېلىمىز: ‹‹ئارمىيەنى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزغاندىلا، مادارىمىز يېتەرلىك، بېلىمىز چىڭ بولىدۇ››. شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۇنياۋى قالتىس ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلساقلا، جەزمەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز يارىتالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – ئاينىڭ 3 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى