تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

19–قۇرۇلتاي روھى توختىگۈل ساۋۇتنى تەسىرلەندۈردى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇخالىق ئابلىمىت خەۋەر قىلىدۇ: توقسۇن ناھىيەسىنىڭ شا يېزىسى قاراسۇ كەنتىدىكى توختىگۈل ساۋۇت 10 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ئۆز قولى بىلەن يازغان پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسىنى بۇ كەنتتە ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە تۇرۇۋاتقان خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلارغا تاپشۇردى. ئۇ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلغاندىن كېيىن، قاراسۇ كەنتىدە تۇنجى بولۇپ پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى تاپشۇرغان دېھقان.

  بۇ يىل 38 ياشقا كىرگەن توختىگۈل ساۋۇتنىڭ ئېرى ئەنۋەر ئەرشىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغىنىغا 17 يىل بولغانىدى. ئەنۋەر ئەرشى كىچىكىدە موزدۇزلۇقنى ئۆگەنگەن بولۇپ، بۇلتۇر توقسۇن ناھىيە بازىرىدا دۇكان ئېچىپ، موزدۇزلۇق قىلدى، تىجارىتى كۈنسېرى روناق تېپىپ كىرىمى كۆپەيدى. توختىگۈل ساۋۇت دېھقانچىلىق قىلغاچ ئىككى پەرزەنتىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى، بۇ يىل ئۇمۇ شەھەرگە كىرىپ تىككۈچىلىك دۇكىنىدا ئىشلەپ، ئېيىغا 2000 يۈەن مائاش ئالىدىغان بولدى. توختىگۈل ساۋۇت مۇنداق دېدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇرۇلتايغا بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلاپ بەك ھاياجانلاندىم. كومپارتىيە بىزنى بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى، ھازىر پەرزەنتلىرىمىز مەكتەپتە ھەقسىز ئوقۇۋاتىدۇ، ئەمىن ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردۇق، پارتىيەمىز ئۇلۇغ، شەرەپلىك، توغرا پارتىيە، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساق تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىمىز. مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن كەنت كادىرلىرىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە پائال ماسلىشىپ، ئەتراپىمدىكىلەرنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىغا جاۋاب قايتۇرۇشقا يېتەكلەيمەن.

  تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە – رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە – ئاخبارات – نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ قاراسۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىدا، رادىيو كانىيىدا تەشۋىق قىلىش، مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىش قاتارلىق شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، قۇرۇلتاي روھىنى ھەر مىللەت ئاممىغا ۋاقتىدا يەتكۈزدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى رەجەپ يۈسۈپ مۇنداق دېدى: 19 – قۇرۇلتاي مەزگىلىدە بىز دېھقانلارنى بىر تەرەپتىن 19 – قۇرۇلتاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆرۈشكە تەشكىللىدۇق، يەنە بىر تەرەپتىن ئائىلىلەرگە كىرىپ تەشۋىق قىلىپ، 19 – قۇرۇلتاي روھىنى كەنتتىكى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزدۇق، بىز توختىگۈل ساۋۇت ئائىلىسىگە بېرىپ، قۇرۇلتاينىڭ روھىنى تەشۋىق قىلغاندا، توختىگۈل ساۋۇت قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئاڭلاپ ناھايىتى ھاياجانلاندى ۋە پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى يېزىپ تاپشۇردى، بۇ بىزگە زور ئىلھام بولدى. بىز قۇرۇلتاي روھىنى كەنتتىكى ھەممە ئائىلىلەرگە داۋاملىق يەتكۈزىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى