تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى سۆزلىدى

  دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 11–ئاينىڭ 5–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش يىغىنى تەشكىللەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى، ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى›› ۋە پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز تەشۋىقات – لېكسىيە ئۆمىكى سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر، كەڭ دائىرىلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتى ۋە ئىدىيەۋى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى سۆزلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشقا ئەزالىرى ۋە ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىك رەھبىرىي يولداشلار يازما تەسىراتىنى تاپشۇردى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار بىردەك مۇنداق قارىدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى مۇستەھكەملەپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنداپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشتا مۇھىم رېئال ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باشلامچىلىق رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، باشلامچىلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىش قىلىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى ھەقىقىي چىڭىتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يول جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي، ئاڭلىق ھالدا دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىمىز.

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۇنى مۇھىم كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتۇپ، تەشۋىق قىلىشنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، تەشۋىقاتنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  بىرىنچىدىن، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئۆگىنىش، بىلىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دوكلاتى ۋە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىلمىي يېتەكچى، تۈپ مىزان، ھەرىكەت كۆرسەتمىسى قىلىپ، ئەينەن، ئەسلىيسى بويىچە، خەتمۇخەت، جۈملىمۇجۈملە، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى تەلەپلەرنى توغرا ئىگىلەپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى روھىنىڭ سىياسىي ئەھمىيىتى، تارىخىي ئەھمىيىتى، نەزەرىيەۋى ئەھمىيىتى، ئەمەلىيەت ئەھمىيىتىنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، پىرىنسىپنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئايدىڭلاشتۇرۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنى ئۆگىنىش بىلەن، پارتىيە 19– قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان بىز ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئىلگىرى سۈرگەن ئۇلۇغ ئىشلار، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەمەلىيىتىمىز بىلەن، پارتىيە 19– قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈش، كۈچەش نۇقتىسىنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيە جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە، دېگەن ھۆكۈمگە، بەش يىلدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقى، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ خەلقنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەرگەنلىكى قاتارلىق زور ھۆكۈملەرنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ زور تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ھىمايە قىلىدىغان ۋە ئىشىنىدىغان رەھبەرلىك كوللېكتىپى ئىكەنلىكىگە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن پارتىيە ھىمايە قىلىدىغان، خەلق قەدىرلەيدىغان، پارتىيەنىڭ داھىيسى بولۇشقا مۇناسىپ داھىي ئىكەنلىكىگە مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، بىرلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن، ھازىرقى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش، پۈتۈن يىللىق نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى پىلانلاش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ھەقىقىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باسقۇچ – ھالقىلار بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، ‹‹مىخ قېقىش روھى›› بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى يارىتىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۈەن رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى مەخسۇس تېمىدىكى ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى