تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

لوپنۇردىكى كۆچمە قۇملۇقلارغا قۇم توسۇقى ياتقۇزۇلدى

   لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ ئاچچىق دۆلەتلىك قۇملاشقان تۇپراقنى تىزگىنلەپ قوغداش 1-قۇرۇلۇش مەيدانىدا قۇم توسۇقى ياتقۇزۇلماقتا.

    ئۆز خەۋىرىمىز: لوپنۇر ناھىيەسى ئاچچىق دۆلەتلىك قۇملاشقان تۇپراقنى تىزگىنلەپ قوغداش  تولۇقلىما ياردىمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرى  ـــــــ  1-قارارلىق قۇملۇققا قۇم توسۇقى ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشى 1-نويابىر ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى.

   ئىگىلىنىشىچە، لوپنۇر ناھىيەسى ئاچچىق دۆلەتلىك قۇملاشقان تۇپراقنى تىزگىنلەپ قوغداش سىناق نۇقتا تۈرى قۇملىشىش نىسبەتەن ئېغىرراق بولغان دۆڭقوتان يېزىسىنىڭ 1-قارارلىق تۈر  قۇرۇلۇشىدا بۇ يىل ئاۋغۇستتا ئىش باشلانغان بولۇپ، 2-نويابىرغىچە 1-قارارلىق قۇرۇلۇشتىكى 1000 مو يەرگە توسۇق ياتقۇزۇلغان، بۇنىڭغا 8 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. بۇ تۈردە قۇم توسۇقىنىڭ قاپلاش كۆلىمى كېڭەيتىلىپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، قۇملۇقنىڭ بارغانسېرى يېشىللىققا بۆسۈپ كىرىشىنى چەكلەپ، يەرلىك بوستانلىقنىڭ ئەتراپىدىكى ئاھالىنىڭ ياشاش مۇھىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ياخشىلىنىشىغا شارائىت ھازىرلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى