ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نۇرمەمەت مەخمۇت خەۋەر قىلىدۇ: يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدىغان لوپ ناھىيەسىدىكى دېھقان – چارۋىچىلار بۇ يىل تېرىقچىلىق كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 2016 – يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.2 ئاشتى.
بۇ ناھىيە دېھقان – چارۋىچىلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، يىل بېشىدىلا كىشى بېشى ساپ كىرىمىنى 2016 – يىلىدىكىدىن ئاشۇرۇش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈردى. ئەتىيازدا بازارلىق زىرائەتلەرنى تېرىش، باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش، باغۋەنچىلىك، ھويلا – ئاران ئىگىلىكى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ناھىيە، يېزا – كەنت رەھبەرلىرى يېقىندىن ماسلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلە تارماقلىرىدىن يېتەرلىك قەرز پۇل ھەل قىلىش ئارقىلىق دېھقان – چارۋىچىلارغا ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلدى ۋە ئۇلارنى ئەسقاتىدىغان پەن – تېخنىكا بىلىملىرى، بازار ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىدى، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئۇلارنى خاس يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلىسە يەنە بىر جەھەتتىن ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە، كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلەپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى. نەتىجىدە يىل بېشىدىن ھازىرغىچە دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 2667 يۈەنگە يېتىپ، 2016 – يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.2ئاشتى.