تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شى جىنپىڭ يولداش رېن گېبەينىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىدى

  يولداش رېن گېبەي ۋاپات بولدى

  چېن شى، چېن چۈەنگو تەزىيە بىلدۈردى ھەم ھال سورىدى

  ئۆز خەۋىرىمىز. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 8- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 6- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يولداش رېن گېبەي كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 17دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدە 101 يېشىدا ۋاپات بولدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يولداش رېن گېبەينىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىدى. چېن شى تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يولداش رېن گېبەينىڭ ئۆيىگە ئالايىتەن بېرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ يولداش رېن گېبەينىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈرگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىغانلىقىنى يەتكۈزدى ھەم يولداش رېن گېبەينىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى.

  مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يولداش رېن گېبەينىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى.

  شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ما شۆجۈن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونىدىكى رەھبىرىي يولداشلار، پېنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىققان بىر قىسىم پېشقەدەم يولداشلارمۇ ئوخشىمىغان شەكىلدە تەزىيە بىلدۈردى ۋە ھال سورىدى.

  يولداش رېن گېبەي 1916- يىلى 1- ئايدا شەنشىنىڭ شىڭپىڭ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، 1937- يىلى 2- ئايدا ئىنقىلابىي خىزمەتكە قاتناشقان، 1937- يىلى 2- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. ئازادلىقتىن ئىلگىرى، شەنشى شىفۇ خىزمەت كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ باش كاتىپى، باۋجى ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، باۋجى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان. 1939- يىلى 6- ئايدا خائىننىڭ ساتقىنلىقى تۈپەيلىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە قامالغان، تۈرمىدە قەتئىي تىز پۈكمەي، تەشكىلنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قاتتىق ساقلىغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ 1- شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېنىك سانائەت ئىدارىسى پارتىيە يادرولۇق گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، ئىدارە باشلىقى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ 2- شۇجىسى، شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1986- يىلى 8- ئايدا خىزمەتتىن ئايرىلىپ دەم ئېلىشقا چىققان. 2015- يىلى 8- ئايدا مەركەزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، تەمىناتى ئۆستۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى دەرىجىلىك تەمىناتتىن بەھرىمەن قىلىنغان.

  يولداش رېن گېبەي ئىنقىلابقا بالدۇرلا قاتناشقان، ئېتىقادى مۇستەھكەم، سىياسىيدا كۈچلۈك، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، خەلققە چەكسىز سادىق بولغان. ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدا ھايات- ماماتلىق كەسكىن سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، جۇڭگو يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ غەلىبە قىلىشىغا تۆھپە قوشقان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ شىنجاڭنىڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولۇشى، دېموكراتىك ئىسلاھاتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىپ، تىرىشچانلىق ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، كەسىپنى قەدىرلەپ تۆھپە قوشقان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرغان. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان مەزگىلدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ فاڭجېنىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلار خىزمىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەشكىلات خىزمىتى ۋە كادىرلار خىزمىتى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەن. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان مەزگىلدە سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە- قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرگەن. خىزمەتتىن ئايرىلىپ دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا ئاۋۋالقىدەكلا كۆڭۈل بۆلگەن، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشىنى قەتئىي قوللاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پائال تۆھپە قوشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى