شىنخۇا تورى خەۋىرى: جۇڭگو ئوزۇقلۇق-ساقلىق ساقلاش يېمەكلىكلىرى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بيەن جېنجيا 4 – نويابىر شاڭخەيدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە ئېلىمىزدە ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى تەخمىنەن 400 مىليارد يۈەنگە يەتتى.
شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن «2017 - يىللىق شىنمىن ساغلاملىق ۋە كۈتۈنۈش بايرىمى ھەمدە 4-نۆۋەتلىك شىنمىن ساغلاملىق مۇنبىرى» دە بيەن جېنجيا مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى 1987-يىلى راۋاجلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر 30 يىللىق تارىخقا ئىگە، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى كۈنسېرى موللىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادى ۋە خەلق ساغلاملىقى قاتارلىقلارغا ئىنتايىن مۇھىم تەسىر كۆرسەتتى.
بيەن جېنجيانىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ھازىر ئېلىمىزدە ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن كارخانىلار تەخمىنەن 2500 گە، تەستىقلانغان ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى رويخەتكە ئېلىش ئىجازەتنامىسى 16 مىڭغا، كەسىپكارلار 6 مىليون كىشىگە يەتكەن.
شاڭخەي شەھەرلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتى بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى جياڭ پېيجېننىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، 1995-يىلى ئۆكتەبىردە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك تازىلىقى قانۇنى» دا ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ قانۇنىي ئورنى تۇنجى قېتىم بېكىتىلگەندىن بۇيان، ئېلىمىز بىر قاتار يانداشما قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلغان، بولۇپمۇ 2015-يىلى ئۆكتەبىردە يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى» دا ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ئالاھىدە يېمەكلىك دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىگە ئالاقىدار سىياسەتلەر بەلگىلەنگەن، بۇ قانۇن-نىزاملارنىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى ساغلاملىق يېمەكلىكىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىغا ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتى ياراتقان.