تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە ۋە نىكاھ

ئەرلەر نېمىشقا بازار ئايلىنىشقا ئۆچ

    نۇرغۇن ئاياللار يولدىشى بىلەن خۇشال-خورام ھالدا بازار ئايلانغىلى چىقىپ، ئاقىۋەتتە قورساق كۆپۈكى تارتىپ قايتىپ كېلىدۇ. پەقەت جۇڭگودىلا ئەمەس، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئەرلەر سىرتقا چىقىپ نەرسە سېتىۋېلىش جەھەتتە ئىپادىسى ئوخشاشلا مۇشۇنداق پاسسىپ.

      ئەنگلىيەلىك پىسخىك ئالىمى تاللا بازىرىدا نەرسە سېتىۋالىدىغان بىر تۈركۈم ئەر-ئاياللارغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۆپ قىسىم ئەرلەردە مال سېتىۋالغاندا يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىش، قان بېسىمى ئۆرلەش قاتارلىق نورمالسىز ئەھۋاللار كۆرۈلىدىكەن. ئەرلەرنىڭ قارىشىچە نەرسە سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت مۇشۇ بىر ئىش ئۇلارنىڭ خىزمەت بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. كۆپ ساندىكى ئەرلەر مال سېتىۋېلىش ئورنىدا ئۇزۇن تۇرۇشنى خالىمايدىكەن، تېزرەك سېتىۋېلىپ، تېزرەك كېتىشنى ئويلايدىكەن. ئەكسىچە ئاياللاردا بولسا يۇقىرىقى نورمالسىز ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى 1/4 ئىكەن، قالغان 3/4 قىسىم ئاياللار بولسا نەرسە سېتىۋالغاندا ئۆزىنى ناھايىتى ئازادە، خۇشال ھېس قىلىدىكەن.

      كۆپلىگەن ئاياللار ئەرلەر نەرسە سېتىۋالغان پۇلغا كۆزى قىيمىغانلىق سەۋەبىدىن بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلىدۇ، دەپ قارايدىكەن. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، ئەينى دەۋردىكى ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ئەرلەر ئاساسەن سىرتقا چىقىپ ئوۋ ئوۋلاشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، مەيلى تەبىئىي مۇھىت قانچە گۈزەل بولسۇن، ياكى ئوۋ ئوۋلاش جەريانى قانچە خەتەرلىك بولسۇن، ئۇلار پەقەت تېزرەك ئوۋ ئوۋلاپ ئۆيگە قايتىشنىلا ئويلايتتى. ئەگەر ئۇلارنىڭ نىشانى ئېنىق بولمىسا ياكى ھەرىكىتى چاققان بولمىسا، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ مەزىلىك تامىقىغا ئايلىنىپ كېتەتتى. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى خەتەرلىك بولغان تەبىئىي مۇھىت ئەرلەرنىڭ ئىش قىلغاندا چاققان، تېز ھۇجۇم قىلىپ، تېز بىر تەرەپ قىلىشتەك مىجەزىنى يېتىلدۈرگەن، لېكىن يېتەرسىز تەرىپى شۇكى، ئەرلەر ئۇششاق ھالقىلارغا ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ، ئەستايىدىللىق ئېڭى كەمچىل.

      ئەرلەر بىر قۇر كىيىم سېتىۋالسا خېلى ئۇزاق ۋاقىت كىيىدۇ، ئەر-ئاياللار بىرگە كىيىم سېتىۋالغاندا ئۇلارنىڭ ئەرلەر كىيىمى سېتىۋالىدىغان ۋاقىتلىرى ئىنتايىن ئاز. شۇ سەۋەبتىن ھەرقايسى سودا-سارايلاردىمۇ ئاياللار بۇيۇملىرى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ، بۇمۇ ئەرلەرنىڭ بازار ئايلىنىشقا ئۆچ بولۇشىنىڭ بىر سەۋەبى.

      ئەرلەر ئۆزلىرىنىڭ قوپال ۋە ئەركىن-ئازادە مىجەزىدە ئاياللارغا ئوخشاش سودا-سارايلارغا كىرسە رەستىدىكى ماللارغا بىر-بىرلەپ قاراپ سېلىشتۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس ھەم نەرسە سېتىۋالغاندا ئاياللاردەك ئۇنچە تەپسىلىي قاراپمۇ كەتمەيدۇ، ناۋادا سېتىۋالىدىغىنى ئاياللار بۇيۇمى بولسا، بۇ ئېنىقلا ئەرلەرنىڭ نېرۋىسىنى تېخىمۇ ئۆرلىتىدىغان بىر ئىش.

«پەن ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى