تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

دۇنياغا مېھىر-مۇھەببەتلىك كۆزىڭىز بىلەن نەزەر سېلىڭ

      ئىنسان ئۈچۈن بۇ دۇنيادا زۆرۈر بىر نەرسە بار، ئۇ بولسمۇ مېھىر-مۇھەببەتتۇر. مېھر-مۇھەببەت ئادىمىيلىك بالقىپ تۇرغان ئۇقۇم ، ئۇ يالغۇز بىر خىل ئىجتىمائىي ئەخلاق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ ئىنسانغا ئالەمچە ھۇزۇر، تۇرمۇشقا خوشاللىق بېغىشلايدىغان، ساپ ۋە پاك ھېسلار بىلەن يۇغۇرۇلغان ئەڭ گۈزەل ۋە سەمىمىي تۇيغۇ؛ ھاياتلىق ئالىمىنى ياشناتقۇچى قۇرىماس بۇلاق، كىشىگە ئۈمىد ۋە شادلىق بەخىش ئەتكۈچى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ؛ كىشىلەر ئوتتۇرسدىكى دوستلۇق، ئىشەنچ، ساداقەت نۇرلىرىنى چاچىدىغان بىر خىل قىممەتلىك ئەڭگۈشتەردۇر. ئەگەر كىشى قەلبىدە مېھر-مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇ قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بولمىسا، ھاياتلىق ئالىمى ئاللىقاچان قاراڭغۇ زۇلمەت بىلەن قاپلىنىپ كەتكەن بولاتتى.

      كۈچلۈك ئىجتىمائىيلاشقان بۈگۈنكى جەمئىيەتتە، مېھىر- مۇھەببەت تۇيغۇسى __ گۈزەل ئەخلاقنىڭ يارقىن نامايەندىسى، شۇنداقلا ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ ئەڭ مۇھىم بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەممە ئىشىنى يالغۇز ئۆزىلا قىلىپ باشقا ئېلىپ چىقىپ كېتەلىشى ناتايىن. خۇددى دانا ئەجدادلىرىمىزنىڭ «كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر»، «كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە يول بار» دېگىنىدەك، بۇ دۇنيادا ياشىغان ھەر بىر ئىنسان كۈندىلىك تۇرمۇشتا باشقىلارنىڭ قوللىشى، ياردەم بېرشى، ئۆز-ئارا غەمخورلۇق قىلىشىغا، كۆيۈنۈشىگە مۇھتاج بۇلىدۇ. كىشىلىك تۇرمۇشتا ئادەم مېھر-مۇھەببەتتىن ئايرىلىپ قالسا، ئۇنىڭ روھىيىتىدە شەخسىيەتچىلىك، شۆھرەتپەرەسلىك، مەنمەنچىلىك ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتۈپ، كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئۆز-ئارا ھۆرمەت، ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش ۋە ئۆز-ئارا ئىشىنىش بارغانسېرى سۇسلىشىپ، ئىناقلىققا تەسىر يېتىدۇ.

      مېھىر-مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ ھەم ئۇنى باشقا نەرسىلەر بىلەن تەڭلەشتۈرگىلى ۋە باشقا نەرسىنىڭ ئورنىغا قويغىلى بولمايدۇ. چۈنكى مېھىر-مۇھەببەت ئىنسانغا ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ئېلىپ كېلىدۇ، ئىنسان مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ھەر زامان، ھەر ماكاندا ئۆزىنىڭ چىن ماھىيىتىنى نامايەن قىلىدۇ. ھاياتلىقنىڭ ئەڭ گۈزەل، ئەڭ يېقىملىق كۈيلىرىنى ياڭرىتالايدۇ.

      مېھىر-مۇھەببەت گويا بۇلاقكى سۈزۈك ئاي شولىسىدەك يېقىملىقلىقى بىلەن كۆڭۈللەرنى ئۆزىگە تارتىدۇ. خۇددى قۇياش نۇرىدەك مۇزلىغان قەلبلەرنى ئىللىتىدۇ، ئۇنىڭ ئاتەش تەپتىدىن زىمىستاندا باھار جىلۋە قىلىدۇ. مېھىر-مۇھەببەت، سەمىمىي ساداقەتتىن ئاپىرىدە بولغان ئاجايىپ مۆجىزىلەر سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ. خۇددى لۇتفىنىڭ: « كىشكىم يوقتۇر مىھرۇ-ۋەفاسى، ئەگەر خۇرشىددۇر ئاندىن نە ھاسىل؟» دېگىنىدەك، كىمنىڭدۇر بىر يۇتۇم سۈيى، كىمنىڭدۇر ھاياتنى قۇتقۇزۇپ قېلىشى، كىمنىڭدۇر بىر ئېغىز ياخشى سۆزى، كىمنىڭدۇر ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن بىر بېقىشى بىلەن شىكەستىلەنگەن قەلبىدە ئۇلۇغۋار ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىنى چاقنىتىشى، مۇزلىغان قەلبنى ئېرىتىشى مۇمكىن. شۇنداق، دۇنيا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ئاجايىپ گۈزەل. ھەر بىر قەلب مېھىر- مۇھەببەتكە تولغان تەبەسسۇم بىلەن گۈزەل، ھەر بىر قەلب مېھىر-مۇھەببەت تەبەسسۇمى بىلەن سۇغرىلغانلىقى بىلەن گۈزەل.

      مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان دۇنيا بەئەينى ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمگەن ئازادە بىر ماكانغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ قوينىدا بەرىكەتلىك ئىزلار، مېھىر-شەپقەتلىك خالىس سېخىي قوللار مۇجەسسەملەنگەن بولىدۇ. شۇڭا ئىنسان قەلبى مېھىر-مۇھەببەت تەبەسسۇمى بىلەن سۇغرىلغاندا، دۇنيا ئاجايىپ گۈزەل، خۇددى قوينى كەڭ جەننەتتەك بىلىنىدۇ. مېھىر-مۇھەببەت تۇيغۇسىغا ئىگە كىشلەر باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلالايدۇ. باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەت قولىنى سۇنۇش ئارقىلىق ئۆزى تېخىمۇ كۆپ مېھىر-مۇھەببەتكە ئېرىشىدۇ. مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان ھايات ھەققىي گۈزەل ھەم مەنىلىك ھاياتتۇر. ۋەھالەنكى، ئادەم تۇرمۇشتا مېھىر-مۇھەببەتتىن ئايرىلالمايدۇ. تۇرمۇشتا مېھىر- مۇھەببەت بولمسا، بۇنداق تۇرمۇش مۇكەممەل بولمايدۇ، بۇنداق ياشاشنىڭ قىممىتىمۇ بولمايدۇ. شۇڭلاشقا ئادەم باشقىلارغا مېھىر- مۇھەببەت قۇلىنى سۇنۇش ئارقىلىق، ئۆزى نەچچە ھەسسە ئارتۇق مېھىر - مۇھەببەتكە ئېرىشىدۇ. باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلماي تۇرۇپ، خوشاللىققا، بەخىتكە ئېرشەلمەيدۇ. چىن مېھىر-مۇھەببەت سىڭدۈرۈلگەن ئەجىر مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ. دۇنيا مېھىر-مۇھەببەتكە، كۆيۈنۈشكە تولغاندىلا، قەلبلەر قەلبلەرگە تۇتۇشۇپ، جەمئىيەت تېخىمۇ گۈزەل، مەدەنىي تۈسكە كىرىدۇ، ھايات ھەققىي گۈزەل ھەم مەنىلىك تۇيۇلىدۇ. ئىنسانىيەت سۆيگۈسى بىزنى ئۇلۇغلۇققا يېتەكلەيدۇ. مېھىر-مۇھەببەت خۇددى مەشئەلدەك كىشىلەر قەلبىگە يۇرۇقلۇق، ئىللىقلىق بېغىشلايدۇ، مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئىللىق ھارارىتىدىن دىللار سۆيۈنۈپ ياشنايدۇ. سىز باشقىلارغا بەرگەن مۇھەببەت ئەمەلىيەتتە ئۆزىڭىز ئېرىشىدىغان مۇكاپاتتۇر.

      ئەگەر سىز بىرسىگە خۇشپۇراق ئەتىرگۈل سوۋغا قىلسىڭىز، قولىڭىزدا شۇ ئەتىرگۈلنىڭ پۇرىقى ۋە ئىزناسى قالىدۇ-دە، كۆڭلىڭىز شۇ پۇراق بىلەن ئۇزۇنغىچە شادىيانە تۇيغۇدا بولىدۇ. ئەگەر سىز چىن سەمىمىيىتىڭىز، ئەمەلىيىتىڭىز بىلەن يوقسۇللارغا بىر قەترە مېھر بېرەلىسڭىز، باشقىلار سىزگە ئون قەترە مېھرىبانلىق كۆرستەلەيدۇ، سىزمۇ خوشاللىق، ئازادىلىك ئىچىدە بەخىتلىك ياشىيالايسىز، تۇرمۇشىڭىز يېڭى-يېڭى مەنىلەرگە تولىدۇ. شۇڭلاشقا سىز دۇنيا گۈزەللىككە، شادلىققا ۋە بەختيارلىققا تولسۇن، جەمئىيەت تېخىمۇ ئىناقلىققا، سۆيگۈگە تولسۇن دېسىڭىز، دۇنياغا مېھىر-مۇھەببەتلىك كۆزىڭىز بىلەن نەزەر سېلىڭ.

(ئاپتورى: ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 2-ئوتتورا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى مەنسۇرجان تۇرسۇن)

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى