كۆز بويىقى سىزىش. بۇ كۆز گىرىمىدىكى ئەڭ مۇھىم باسقۇچ بولۇپ، كۆز بويىقى سىزىش ئارقىلىق كۆزنى چوڭ، چىرايلىق ھەم نۇرلۇق كۆرسەتكىلى بولىدۇ. كۆز بويىقىنى سىزغاندا توم سىزماي، ئىنچىكە، تەكشى سىزىش كېرەك.
كىرپىكنى قايرىش. كىرپىك قايرىغۇچنىڭ يۈزى بىلەن كىرپىكنى پۈتۈنلەي جىپىسلاشتۇرۇپ، كىرپىكنىڭ قايرىش يۆنىلىشىنى بويلاپ ئىككى-ئۈچ قېتىم قايرىساقلا، كىرپىك ئۈستىگە قايرىلىدۇ.
لاك سۈرۈش. كىرپىكنى قايرىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن لاك سۈرۈش كېرەك، ھەرگىزمۇ لاك سۈرۈپ بولۇپ كىرپىكنى ئېگىشكە بولمايدۇ. كىرپىكى سەل شالاڭ، قىسقا ۋە ئىنچىكە ئاياللار چوقۇم لاك سۈرۈشى كېرەك.
«شىنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى