ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز راھىلە توختى خەۋەر قىلىدۇ: كۇچا ناھىيەسى يېزا – بازار كارخانىلىرىغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى كۈچەيتكەنلىكتىن، يېزا – بازار كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى.
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە يېزا – بازار كارخانىلىرى 3678كە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە سانائەت كارخانىلىرى 685كە، كۆلەملەشكەن كارخانا 18گە، 3 – كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانا 2874كە يەتتى. كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 970 مىليون 570 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، 2016 – يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.73ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 384 مىليون 234 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، 2016 – يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.92، كۆلەملەشكەن كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 335 مىليون 146 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، 2016 – يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.38 ئاشتى، ئېكسپورت قىلىنغان مال قىممىتى 251 مىليون 190 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، 2016 – يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.78 ئاشتى، تۇراقلىق مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ 7 مىليون 890 مىڭ يۈەنگە يەتتى. يېزا – بازار كارخانىلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشقان ئارتۇق ئەمگەكچىلەر 15 مىڭ 368 ئادەم (قېتىم) گە، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %48.95كە يەتتى. يېزا ئارتۇق ئەمگەكچىلىرىنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 7880 يۈەنگە يېتىپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمىنىڭ %78.29ىنى ئىگىلىدى.