تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمايمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، بۇرچۇمنى ئەستە چىڭ ساقلايمەن

  ئاپتونوم رايونلۇق غەربىي تىيانشان دۆلەت ئورمىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى مەمتىمىن ئابدۇللا

  كىچىكىمدىن تارتىپ كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايوندا ياشىدىم، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭى كىچىكىمدىلا قەلبىمدە يىلتىز تارتىپ، تومۇرلىرىمغا سىڭىپ كىردى. مەيلى ئوقۇغاندا ياكى خىزمەتكە چىققاندا بولسۇن، ھەر مىللەت ساۋاقداشلار، خىزمەتداشلار بىلەن بىللە ئۆگىنىپ، بىللە خىزمەت قىلىپ، بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا بەھرىلىنىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ كەلدۇق. سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى، باي بولغاندا كومپارتىيەنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. مەن ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىزنى خوجايىنغا ئايلاندۇرغانلىقىنى، ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىزنى سوتسىيالىزمنىڭ داغدام يولىغا باشلىغانلىقىنى، ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىزنى بەختلىك، خاتىرجەم، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەنلىكىنى مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقارمايمەن.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى بېكىتىپ بەردى؛ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلقنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا چاقىردى. بۇ، گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىمىزنى كۆرسىتىپ بەردى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا بەرگەن دوكلاتىدا: «ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىشقا، ئىككى يۈزلىمىچى بولۇشقا قەتئىي قارشى تۇرۇش لازىم»، «ھەر خىل سىڭدۈرمىچىلىك، ئاغدۇرمىچىلىق، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى، دىنىي ئەسەبىي ھەرىكەتلەردىن قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك»، دەپ كۆرسەتتى. مەن غەربىي تىيانشان دۆلەت ئورمىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قەتئىي ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىر سەپتە تۇرىمەن، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، «ئۈچ خىل كۈچ»كە، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، قەتئىي بىخۇدلۇق قىلمايمەن، قورقمايمەن، يۇمشاق قوللۇق قىلمايمەن ۋە يول قويمايمەن.

  بىرىنچىدىن، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. مەن پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈشنىڭ، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشنىڭ، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، سىڭىشىش شەكلىدىكى ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىشنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇش، ئۆزئارا بەھرىلىنىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ياردەم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن؛ مەن چوقۇم باشلامچىلىق بىلەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى ئاڭلىق ھالدا توسۇيمەن؛ پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئاكتىپ تەشۋىق قىلىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، قۇدرەتلىك توغرا جامائەت پىكرى مۇھىتىدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە تۇرغۇدەك ماكان، يوشۇرۇنغىدەك جاي قويمايمەن.

  ئىككىنچىدىن، سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدايمەن. «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى سىياسىي ئىرادە ۋە سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقىمنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بارلىق ھەرىكىتىمدە پارتىيەنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرىنى كەم- كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچۇمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق- ئىناق، باي، گۈللەنگەن، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن.

  ئۈچىنچىدىن، «بىرىكمە مۇشت»نى قەتئىي ياخشى ئېتىپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، قايسى ۋاقىتتا جەمئىيەت مۇقىم بولسا، شۇ ۋاقىتتا ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلغانلىقىنى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى خاتىرجەم، ئىناق ئۆتكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. مەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن- ئاخىر ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى قەتئىي ياخشى ئېتىپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن؛ شىنجاڭ بىلەن بېيجىڭنىڭ ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا، ھەر بىر ئىش قىلغاندا قەلبىمىزنى باشتىن- ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يېقىنلاشتۇرۇپ، زىچ باغلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا بولغان غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا، گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىش ئۈچۈن قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى