«تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى» نى سەييارە قويۇش پائالىيىتى 1-نويابىر خوتەن شەھىرىنىڭ شورباغ يېزىسى ئايدىڭكۆل كەنتىدە باشلاندى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات-مەدەنىيەت سىستېمىسى تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، شىنجاڭدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا باش نىشان ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەشتەك جامائەت پىكرى كەيپىياتى يارىتىش ئۈچۈن، بۇ يىل 1-نويابىردىن 2018-يىل فېۋرالنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت-ئوبلاست، شەھەرلەردىكى 8600 دىن ئارتۇق مەمۇرىي كەنتتە «تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى» فىلىمىنى سەييارە قويۇش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشنى بېكىتكەنىدى.
«تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى» 14-نۆۋەتلىك مەنىۋىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى «بەش بىر قۇرۇلۇشى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كىنو بولۇپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلىرىدا يۈز بەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر ئارقا كۆرۈنۈشى قىلىنىپ، رايونىمىزدا قانات يايدۇرۇلغان «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى يىپ ئۇچى قىلىنىپ، شىنجاڭلىق قىزچاق ئايگۈلنىڭ ئۇسسۇل ئارزۇسىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قولنى-قولغا تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىدەك روھىي قىياپىتى ۋە كۈچلۈك ئىرادىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
(پىراكتىكانت ساباھەت ئەركىن تەرجىمىسى)