تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

روشەنگۈل توختىنىڭ ئىپتىخارلىق ھېسسىياتى

  مۇخبىرىمىز مۇيەسسەر ئاباھامىت

  پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19 – قۇرۇلتىيى ئاخىرلىشىپلا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا 19 – قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغالدى. 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاياللىرىغا 19 – قۇرۇلتاي روھىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. 19 – قۇرۇلتاينى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن شىنجاڭلىق 11 ئايال ۋەكىل ئايروپورتتىن ئۇدۇللا يىغىن زالىغا كېلىپ، زالدا ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرغان شىنجاڭنىڭ جاي – جايلىرىدىن كەلگەن 100دىن كۆپرەك ھەر مىللەت ئاچا – سىڭىلغا قۇرۇلتاي روھىنى يەتكۈزدى. ئۈرۈمچى ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) ئوتتۇرا ئاسىيا جەنۇبىي يولى كوچا باشقارمىسىنىڭ گۇاڭجۇ يولى مەھەللە ئاھالە كومىتېتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، 19 – قۇرۇلتاي ۋەكىلى روشەنگۈل توختى ھاياجانلانغان ھالدا قۇرۇلتايغا قاتناشقان مىنۇتلاردىكى ئىپتىخارلىق ھېسسىياتىنى بايان قىلىپ، يىغىن زالىدىكى ئاچا – سىڭىللارنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى.

  روشەنگۈل توختىنىڭ خىزمەتداشلىرى قۇرۇلتاي مەزگىلىدە ئۇنى تېلېۋىزوردىن كۆرۈپ، خىزمەتدىشىنىڭ 19 – قۇرۇلتاي ۋەكىلى بولغانلىقىدىن ئىنتايىن ئىپتىخارلانغانىدى ھەم ئۇنىڭ بىلەن تېزرەك كۆرۈشۈپ، ئۆز ئاغزىدىن قۇرۇلتاي روھىنى ئاڭلاشقا تەقەززا بولغانىدى. ئۇلار كۈتكەن دەقىقىلەرمۇ يېتىپ كەلدى، روشەنگۈل توختى قايتىپ كېلىپ ئاراممۇ ئالماي، 19 – قۇرۇلتايغا قاتناشقان چاغدىكى خۇشال مىنۇتلارنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنى يېقىن ئارىلىقتىن ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، باش شۇجىنىڭ قۇرۇلتايدا بەرگەن دوكلاتىنى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغاندىكى ئىپتىخارلىق تۇيغۇلىرىنى، 19 – قۇرۇلتايدىن ئالغان ھاسىلاتلىرىنى ۋاقتىدا خىزمەتداشلىرىغا يەتكۈزدى.

  روشەنگۈل توختى مۇنداق دېدى: مەن ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پۈتۈن دۇنيا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، مەركەزدە ئېچىلغان يىغىنغا قاتنىشالىغانلىقىمدىن، نەق مەيداندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇرۇلتايغا بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىيالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم ھەم ئىپتىخارلاندىم. چۈنكى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىغا ‹‹خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش››تىن ئىبارەت خەلقچىللىق ئىدىيەسى باشتىن – ئاخىر سىڭدۈرۈلگەنىدى. دوكلاتتا ‹‹خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، خەلققە تايىنىپ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش›› ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بىز ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ خىزمەت نىشانىمىز ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى. مەن 19 – قۇرۇلتايغا قاتنىشىپ، بىزنىڭ خەلق ئۈچۈن قىلىدىغان ئىشلىرىمىزنىڭ تېخى كۆپلۈكىنى، بۇنىڭدىن كېيىن قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان باش نىشاننى چۆرىدەپ، خەلق ئۈچۈن بەجانىدىل خىزمەت قىلىشىمىزنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھېس قىلدىم. پارتىيە ئەزاسى ھەم خەلق ئىشىنىپ سايلىغان 19 – قۇرۇلتاي ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قۇرۇلتاينىڭ روھىنى، قۇرۇلتايدىن ئالغان ھاسىلاتلىرىم، چۈشەنچەم، ئىپتىخارلىق ھېسسىياتىمنى تەۋەلىكتىكى ھەربىر ئائىلىگىچە يەتكۈزۈش، قۇرۇلتاي روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىش باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچۇم.

  روشەنگۈل توختى مۇنداق دېدى: مەن ئۈرۈمچىدىكى ئاددىي بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان، تۇرمۇشىمىز ئۇنچە باياشات بولمىسىمۇ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا تۇرمۇشىمىز كۈندىن – كۈنگە ياخشىلاندى، 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، مەن ئىش ئورنىدىن قالغان، ياردەمگە موھتاج ئايالدىن ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئاددىي پۇقرادىن كومپارتىيە ئەزاسى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولدۇم. بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ ماڭا قىلغان غەمخورلۇقى، پارتىيەنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەنلىكى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكى ۋە مېنى قوللىغانلىقىدىن بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ماڭىلا ئەمەس، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت ئاتا قىلدى. بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە تېخىمۇ بەختىيار، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئاتلاندۇق. ‹‹ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنتۇما، شىر چورۇقۇڭنى قۇرۇتما›› دېگەندەك، بۈگۈنكى بەختىيار كۈننى كىمنىڭ بەرگەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇماسلىقىمىز، پارتىيە، خەلق بەرگەن ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىپ، ھەر ۋاقىت خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ، ئىسلاھات – تەرەققىيات مېۋىسىدىن تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بەھرىمەن قىلىشىمىز كېرەك. ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىۋاتقان 15 يىلدىن بۇيان، مەھەللىدە بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەرگە شاھىت بولدۇم. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باشقا كادىرلارنىمۇ يېتەكلەپ، ئاممىنىڭ كىچىك ئىشىنى ئۆزىمىزنىڭ چوڭ ئىشى دەپ بىلىپ، ئىشنى ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، ئاممىنى يېتەكلەپ، ئۈزلۈكسىز گۈزەل تۇرمۇش يارىتىپ، ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ بەخت تۇيغۇسى ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم فاڭجېن – سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى بېكىتىپ بەردى. بىز باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، قول تۇتۇشۇپ ئىتتىپاقلىشىپ، بوشاشماي تىرىشىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىشىمىز كېرەك. 19 – قۇرۇلتاي ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى مەڭگۈ كۈرەش نىشانىم قىلىپ، ئامما بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆز ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىمەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاشقا، ئىناق – ئىتتىپاق، باي – ئاۋات، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشقا كۈچ قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى