جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «قۇرۇلۇش يولى»نى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلغاندىن بۇيان، بۇ كوچىدىكى قالايمىقان تارتىلغان توك سىملىرى رەتلىنىپ، بىنالارنىڭ سىرتقى يۈزىگە ئېسىلغان كونا ئېلان تاختىلىرى ئالماشتۇرۇلۇپ، كوچىنىڭ قىياپىتىدە زور ياخشىلىنىش بولدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ رايون ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى»دىكى ئۈلگە كۆرسىتىش كوچىسى بولۇپ، بىر تۇتاش لايىھەلەش، تۈزەش ئارقىلىق بۈگۈنكى كۈندە يېڭىچە قىياپەتتە نامايان بولغان. 2017-يىلى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە «گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى» بويىچە جەمئىي 50 كوچىغا قارىتا ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىپ، غول لىنىيەنى چۆرىدەپ ستولبا ياتقۇزۇش، ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇش، يورۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ئەلالاشتۇرۇش، قۇرۇلۇش سىرتقى يۈزىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تۈزەش قاتارلىق بەش جەھەتتە شەھەر قىياپىتىنى تۈزەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغان. نۆۋەتتە، كۆپ قىسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر قىياپىتىدە زور ياخشىلىنىش بولغان.