رۇسىيە خوفۇس ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ياساش شىركىتى ئۇچقۇچىسىز ئۇچار تاكسى ياساش پىلانىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئەڭ بالدۇر بولغاندىمۇ كېلەر يىلى بازارغا سالىدىكەن.
بۇ بەش كىشىلىك ئۇچار تاكسىنىڭ ئىسمى «فورمولا»(Formula) بولۇپ، ھاۋا قاتناش مۇلازىمىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇچالايدىكەن.
ئۇچار تاكسىغا قاتلىنىدىغان قوش قانات ئىشلىتىلگەن، 52 كىچىك تىپتىكى تۇربىنىلىق ۋېنتۇر ئىلگىرىلىتىش قۇرۇلمىسى، ئۇچۇش كومپيۇتېرى ۋە ئارىلاشما دىنامىك گېنېراتور سەپلەنگەن. چوڭ-كىچىكلىكى ئائىلە ئاپتوموبىللىرىغا ئوخشاش بولۇپ، ئادەتتىكى ماشىنا توختىتىش ئورنىغا توختاتقىلى بولۇپلا قالماي يەنە ئۆز جايىدا ئۇچالايدىكەن. ئادەتتىكى توك قاچىلاش پونكىتى ياكى ئارىلاش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ مەنبەلىك ماي پونكىتىدىمۇ بۇ خىل ئۇچار تاكسىنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدىكەن. تاكسىغا يەنە شەھەر رەقەم خەرىتىسى ۋە GPS سىستېمىسى سەپلەنگەن بولۇپ، بوشلۇقتىكى ۋە يول يۈزىدىكى ئاپتوموبىللارنى نازارەت قىلالايدىكەن .
ئەنگىلىيە « كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 31-ئۆكتەبىر ئىشلەپچىقارغۇچى تەرەپنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇ تىپتىكى ئۇچار ئاپتوموبىلى « ھەممە ئادەم بوشلۇقتا يول يۈرۈش» ، « يولدا توسۇلۇش، قىزىل، يېشىل چىراق بولماسلىق» ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، كىشىلەرنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
خوفۇس شىركىتى بۇنىڭدىن بۇرۇن يالغۇز كىشلىك ئۇچار موتسىكلىت « چايان3» نى ياساپ چىقىپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۇبەي ساقچىلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. ئۇچار موتسىكلىتنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 48 كىلومېتىر، ئەڭ يۇقىرى ئۇچۇش ئېگىزلىكى 10مېتىر، ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشتۇرۇپ ئۇچۇش ۋاقتى 27 مىنۇت بولۇپ، بۇ ئۇچار موتسىكلىتنىڭ باھاسى 150مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 990مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) ئىكەن.