تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە ۋە نىكاھ

ئائىلە ئىناقلىقىنى كۈچەيتىشتە

رىسالەت شېرىپ

     يېڭى توي قىلغان ياش ئەر-خوتۇنلار ئائىلىۋى تۇرمۇشىنى باشلاشتا بەزى ئۇششاق مەسىلىلەرنى جايىدا ھەل قىلىپ بولالماي تولا قىزىرشىپ قالىدۇ. مېنىڭچە، تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا ئەھمىيەت بەرگەندە، ئەر-خوتۇن ئارىسىدا ئاسان كۆرۈلىدىغان خاپىلىقلارنى تۈگىتىپ، ئائىلىنى ئىناقلىققا ۋە ئىللىقلىققا تولدۇرغىلى بولىدۇ.

      جورىڭىزغا ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇڭ

      تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىشى ۋە ئىش ئورنى، ئۆي، ۋاقىت تەقسىماتىدىكى ئېھتىياج تۈپەيلى ھازىر نۇرغۇنلىرىمىز چۈشلۈك تاماقنى، ھەتتا كەچلىك تاماقنىمۇ سىرتتا يېيىشكە مەجبۇر بولۇۋاتىمىز. بۇنىڭغا بەزىدە ئەلۋەتتە ئامال يوق. لېكىن ۋاقىت، شارائىت بار تۇرۇقلۇقمۇ سىرتتا غىزالىنىشقا يۈگرەيدىغانلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس. مېنىڭچە بۇ سەل ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە. چۈنكى نۇرغۇن ئائىلە ماجىرالىرى ئەمەلىيەتتە ئائىلىدىكى ئەر بىلەن ئايالنىڭ بىرگە ئولتۇرۇپ، ئائىلە شادلىقىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان ۋاقىتنىڭ ئازىيىشى تۈپەيلى كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. شۇڭا جورىڭىزغا  ئائىلە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشتا ئۆينىڭ تامىقىغا سەل قارىماڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، قازان قاينىتىلمىغان ئۆينىڭ مېھرى بولمايدۇ. مەيلى ئېرىڭىز ياكى بالىڭىز بولسۇن، كۈندە سىرتتا تاماق يەۋەرسە ھامان بىر كۈنى زېرىكىدۇ ياكى سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئۆيدە چوقۇم بىر ۋاق بولسىمۇ تاماق ئېتىڭ. بىر ئائىلە كىشىلىرى داستىخان ئەتراپىغا ئولىشىپ تاماق يېيىشنىڭ ھۇزۇرىغا ھېچنېمە يەتمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سىزنىڭ تاماق ئېتىشىڭىز ئائىلىڭىزدە ئاياللىق، ئانىلىق ئوبرازىڭىزنى تىكلىشىڭىزنىڭ ياخشى پۇرسىتى بولالايدۇ. چوقۇم ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، ئۆيىڭىزنى پاكىز تازىلاپ، چىرايلىق سەرەمجانلاشتۇرۇپ تۇرۇڭ. ئۆيىڭىزنى پاكىز، رەتلىك تۇتسىڭىز ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلغان جورىڭىز ئۆزىمۇ مۇۋاپىق ئۇسۇللار بىلەن سىزگە بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدۇ. چىن نىيەتتىن قىلىنغان كۆيۈنۈش ئەر-ئاياللىق مېھىرنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

      جورىڭىزدىن ئېرىشىشنىلا تەلەپ قىلماڭ

    بەزى ياش ئەر-خوتۇنلار ھېيت-بايرام، تۇغۇلغان كۈنلەردە جورىسىنىڭ ئۆزىگە قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى سوۋغا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال قىز-ئاياللاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ. مېنىڭچە ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى ماددىي بۇيۇمغىلا باغلاپ قويماسلىقى كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە ياش ئەر-خوتۇنلارنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدىكى مۇھىم سەۋەبنىڭ بىرى دەل بىر-بىرىدىن پەقەت ئېرىشىشنى، مەنپەئەتلىنىشنىلا ئويلاپ، تەقدىم قىلىش، ئائىلە ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە سەل قارىغانلىقىدىندۇر.

   ناۋادا جورىڭىز خاتىرە كۈنلەردە سوۋغا بېرەلمىسە جورىڭىزغا باتناپ، تەنە گەپلەر بىلەن ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلماڭ، بۇنداق قىلسىڭىز بۇ خىل كۆڭۈلسىزلىك ھەر ئىككىڭلارغا روھىي ئازاب ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ئېرىشىش تەمەسىدىلا بولماڭ، سوۋغاتنىلا كۆڭۈلنىڭ ئىپادىلىنىشى دەپ چۈشىنىۋالماڭ. ماددىي بۇيۇمدىنمۇ قىممەتلىك كۆڭۈلگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىڭ.

      جورىڭىزنىڭ ئۇششاق ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالماڭ

   بىر قىسىم ياش ئەر-خوتۇنلار جورىسىغا بولغان ئامراقلىقىنى، كۆيۈمچانلىقىنى قارشى تەرەپنىڭ ئۇششاق ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئارقىلىق ئىپادىلەشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال تەكرارلىنىۋەرسە ئارىدا زىددىيەت پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ جورىسىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، دوستلىرى، خىزمەتداشلىرى، قوشنىلار بار سورۇنلاردا بۇ تەرەپكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك، ياخشى نىيەتتە قىلىنغان گەپ-سۆزلەر ئويلىمىغان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

      جورىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇشنى ئۇنتۇماڭ

  ئۆي تۇتۇشتىكى مەقسەت نىكاھلىق تۇرمۇشنىڭ خۇشاللىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش؛ پەرزەنتلىك بولۇپ ۋە ئۇنى ياخشى تەربىيەلەپ، جەمئىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشتۇر. مەيلى ياش ياكى ئوتتۇرا ياش ئەر-خوتۇنلار بولسۇن، تۇرمۇشتا ياكى خىزمەتتە ھەر خىل كۆڭۈلسىزلىكلەردىن خالىي بولالمايدۇ. بىر قىسىم ئەر-خوتۇنلار كۆپىنچە ھاللاردا جورىسىنىڭ كۆڭۈلسىز كەيپىياتىغا پەرۋاسىز قارايدۇ ياكى پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتىدۇ، بۇ خىل پاسسىپ پوزىتسىيە ئويلىمىغان بېسىملارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا جورىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆزىگە ھېس قىلدۇرۇپ ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشقا ياردەم بېرىڭ. جورىڭىزنىڭ ئائىلە ئۈچۈن جاپا تارتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغىنىڭىزدا ماختاڭ، ئۇنىڭغا بولغان مىننەتدارلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ. بۇ ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئائىلە ئىناقلىقىنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق.

      ئائىلە زىددىيىتى كۆرۈلگەندە سوغۇققان بولۇڭ

  ياش ئەر-خوتۇنلار ئائىلە ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش ۋە جورىسىنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بولغان نازۇك مۇناسىۋەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا بەزى زىددىيەتلەردىن خالىي بولالمايدۇ. بەزىلەر بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا ئۆزىنىڭ يېقىن دوستلىرىغا دەرد تۆكۈشكە ئالدىرايدۇ. ئەگەر دوستى تەجرىبىسىز بولسا، ياخشى مەسلىھەت بېرەلمەيلا قالماي، بەلكى ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك سۆزلەرنى قىلىپ زىددىيەتنى ئۇلغايتىۋېتىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا بۇ خىل ئەھۋالدا باشقىلارغا مەسلىھەت سېلىپ يۈرمەي، ئاۋۋال ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، جورىڭىز بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىش، مۇڭدىشىش يولى ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلسىڭىز بولىدۇ.

 يىغىپ ئېيتقاندا، ياش ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئىناق ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ئائىلىسىنى مۇستەھكەملىشى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىغا، چوڭلارنىڭ يېتەكلىشىگە، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشىغا موھتاج.

مەزمۇن «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى