تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

مۇھىت ۋە بالىلار تەربىيەسى

غالىب غوجىئابدۇللا

 تۇرمۇشتا بەزىلەر قانداق مۇھىتنىڭ بالىلارنىڭ يېتىلىشىگە مۇۋاپىقلىقىنى ئانچە چۈشەنمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بالىلار كىچىكىدىنلا ئائىلە، جەمئىيەت ۋە مەكتەپ مۇھىتىنىڭ تەسىرىدە يېتىلىدۇ. بالىلارنىڭ يېتىلىش مۇھىتى ياخشى بولمىسا، ئۇلارنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە پاسسىپ تەسىر قىلىدۇ. كىشىلىك تۇرمۇشتا تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت كىشىنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولمىسىمۇ، ئەمما، بەزىلىرىنى چوڭلار بالىلىرىغا ھازىرلاپ بېرەلەيدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ناچار ئادەت، يامان خۇيلارنى ئۆگىنىپ قالسا، ئۇنى ئۇلار جەمئىيەت مۇھىتى ۋە مەكتەپ مۇھىتىدىن كۆرۈپ، ھەرگىز ئۆزىدىن كۆرمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار چوڭلارنىڭمۇ ئۆز پەرزەنتلىرىگە ياخشى مۇھىت ھازىرلىسا بولىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ.

 مەلۇم بىر كىشىنىڭ 13 ياشلىق ئوغلى ئۆيدە ھېچقانداق ئىش قىلمايدىكەن، كىيىمنىمۇ ئاتا-ئانىسى كىيگۈزۈپ قويىدىكەن، تاماقنى ئاتا-ئانىسى يېگۈزىدىكەن، بىرەر ئىش كۆڭلىدىكىدەك بولمىسا، ئاتا-ئانىسىدىن نارازى بولۇپ، ۋارقىراپ-جارقىراپ ئۆينى بېشىغا كىيىدىكەن. بىر كۈنى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى مەسلىھەتلىشىپ، بالىسىنى باشقا بىرسىنىڭ ئۆيىدە ۋاقىتلىق تۇرغۇزۇپ، مۇھىت ئالماشتۇرۇپ سىنىماقچى بولۇپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار يازلىق تەتىل كېلىشى بىلەنلا بالىسىنى ئاۋسترالىيەدىكى بىر دوستىنىڭ ئۆيىگە يولغا ساپتۇ. بۇ بالا ئايروپىلاندىن چۈشۈشىگىلا، دادىسىنىڭ دوستى ئۇنى كۈتۈۋاپتۇ ۋە ئۆيگە ئېلىپ كېلىپ، تولىمۇ مېھرىبانلىق بىلەن «مەن دادىڭىزنىڭ دوستى، دادىڭىز ئاۋسترالىيەدە يازلىق تەتىل توشقۇچە تۇرىدىغانلىقىڭىزنى، ئوبدان ئاتىدارچىلىق قىلىشىمنى تاپىلىدى. ئەمما مېنىڭ تۇرمۇشىڭىزغا ياردەم قىلىش مەسئۇلىيىتىم يوق، چۈنكى مەن ئاتىڭىزغا قەرز ئەمەس. ئاتىڭىزمۇ ماڭا قەرز ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز بىر-بىرىمىزگە يۆلىنىۋالماسلىقىمىز لازىم. سىز بۇ يىل 13 ياشقا كىردىڭىز، تۇرمۇشىڭىزنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزىڭىز چىقالايسىز. شۇڭا، ئەتىدىن باشلاپ ئۆزىڭىز ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ، ناشتىلىقىڭىزنى ئۆزىڭىز تەييارلاڭ، چۈنكى مېنىڭ خىزمىتىم بەك ئالدىراش. تاماقتىن كېيىن قاچىنى ئۆزىڭىز يۇيۇڭ…» دەپتۇ.

  بىر ئايدىن كېيىن بۇ بالا تەتىلنى توشقۇزۇپ ئاۋسترالىيەدىن ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا ھەيران قاپتۇ. چۈنكى بۇ بالا پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەنىكەن. ئۇ ئۆي تازىلاش، تاماق ئېتىش، كىر يۇيۇش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆزى قىلىدىغان بوپتۇ، ھەتتا باشقىلارغىمۇ ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىدىغان، ئاتا-ئانىسىنى بۇرۇنقىدىن بەكرەك ھۆرمەتلەيدىغان بوپتۇ.

 بىز بۇ باياندىن مۇھىتنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدىكى تەسىرىنىڭ چوڭلۇقىغا سەل قارىماسلىقىمىزنى، مۇۋاپىق پەيتتە ئۇلارغا مۇھىتنى ئۆزگەرتىپ، سىناپ كۆرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىمىز.

چوڭ شەھەرلەردە ياشاۋاتقان بالىلارنىڭ ئەتراپىدىكى ۋە يىراق سەھرالاردىكى تەبىئەت بىلەن ئۇچرىشىشى ناھايىتى ئاز بولىدۇ.  تەبىئەت بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى ئاز بالىلاردا ئاتا-ئانىسىدىن، جەمئىيەتتىن، مەكتەپتىن ئاغرىنىدىغان ناچار خاھىش يېتىلىپ، ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بالىلاردا بەخت سېزىمى تۆۋەنلىسە، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشقا، ئۆگىنىشكە ۋە كەلگۈسىگە بولغان قىزغىنلىق سۇسلىشىدۇ. نەتىجىدە ئۇلار تۇرمۇشتا چۈشكۈنلىشىپ، ئۆگىنىشتە چېكىنىدۇ. بالىلار تەبىئەت دۇنياسىدىكى جانلىقلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق دۇنيانى چۈشىنىش بىلەن بىللە، ئۆزلىرىدە بەخت سېزىمى يېتىلدۈرىدۇ. شۇڭا، بالىلارنى ھېيت-ئايەم، بايرام ۋە تەتىل، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە يۇرتىمىزدىكى گۈزەل تاغ-دەريالار، سەھرالاردىكى جانلىقلار، چەكسىز كەتكەن چۆللۈكلەر ۋە خىلمۇخىل ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇڭ. ئۇلار جانلىقلارنى، ئۇچار قۇشلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرسۇن، ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىسۇن. خىلمۇخىل ئۆسۈملۈكلەرنى، گۈل-گىياھلارنى ئۆز قولى بىلەن تۇتسۇن، ئۇلارنىڭ پۇرىقىنى قانغۇچە پۇرىسۇن. ئۇلار يەنە ئۆزلىرى تېخى بىلمىگەن، بىلىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمىگەن يېڭىلىقلارنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى كۆرۈپ، مۇرەككەپ كىشىلىك تۇرمۇشقا، ھاياتقا تېخىمۇ چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىسۇن، ئىنسانىي تۇرمۇشنىڭ تولىمۇ گۈزەللىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلسۇن.

  بىزدە بالىلارنى ھەددىدىن زىيادە جىق ئەركىلىتىدىغان يامان ئادەت بار. نۇرغۇن ئاتا-ئانا چوڭلا بولۇپ قالغان بالىلىرىنىمۇ كىچىك بالا ئورنىدا كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئائىلە مۇھىتى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يامان تەسىر بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە توسالغۇ بولىدۇ. بۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بالىلىرىمىزغا كىچىك بالىغا ئەمەس، چوڭلارغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم.

 غەربلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىنى كۆزەتسەك، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە خۇددى چوڭلاردەك مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. ئۇلار ھەتتا تېخى مەكتەپ يېشىغىمۇ توشمىغان بالىلىرىغا ئۆزىنىڭ دوستىدەك مۇئامىلە قىلىدۇ. بالىلىرىنىڭ پىشمىغان چۈچۈك گەپلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلاپ، ھەر قانداق سوئالىنى جاۋابسىز قويمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىلار ئۆزىنى كىچىك دېمەي، چوڭ-كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئۆزىنىڭ خالىغان ئويلىرىنى ئاتا-ئانىسى بىلەن بىمالال ئورتاقلىشالايدىغان بولىدۇ.

 پەرزەنت تەربىيەسىدە ئائىلە مۇھىتى بەكمۇ مۇھىم بولۇپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ئاجىز بولسا، نۇرغۇن ئىشتا بالىلىرىغا ئۈلگە بولالمايدۇ. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ يېنىدا ھەر بىر ئىش-ھەرىكەتتە ئۇلارغا ياخشى تەسىر بېرىپ، بالىلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىدىن پەخىرلەندۈرەلىشى لازىم. ئەگەر يولدىشىڭىزغا ۋارقىراپ-جارقىراشنى ئادەت قىلىۋالغان بولسىڭىز، بالىڭىز سىزگىمۇ ۋارقىراپ-جارقىرىسا ئەجەبلەنمەڭ، چۈنكى بالىڭىز سىزدىن ئۆرنەك ئالىدۇ. دېمەك، بالىلارنىڭ ساغلام يېتىلىشىدە جەمئىيەت، مەكتەپ، ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە ئائىلە مۇھىتى قاتارلىقلارنىڭ رولى بەكمۇ مۇھىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلە مۇھىتىنى ياخشىلىشىمىز، بالىلارنىڭ يېنىدا قىلىنغان ھەربىر ئىشنىڭ، سۆزلىگەن ھەر ئېغىز سۆزنىڭ ئۇلارغا قانداق تەسىرى بولىدىغانلىقىنى ئويلىشىمىز، ھەممىدە ئۇلارنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر.

  («شىنجاڭ مۇھىتى» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى، پىراكتىكانت زىلالە غالىب تەييارلىدى)

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى