تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

قان بېسىم چۈشۈپ كەتكەندە

  بەزىلەرنىڭ مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قان بېسىمى تۇيۇقسىز چۈشۈپ كېتىدۇ، بۇنداق چاغدا جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرىنى بىلمىسە شۇ كىشىنىڭ ھاياتقا خەۋپ يېتىدۇ؛ ئادەتتە قان بېسىم چۈشۈپ كەتكەندە دوختۇرخانىغا بېرىشتىن بۇرۇن شېكەر سۈيى، مېۋە شەربىتى، پىچىنە، گۈرۈچ ياكى ھورنان قاتارلىق قان بېسىمنى ئۆرلىتىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېگۈزۈش ئاقىلانىلىك. ئۇنىڭدىن باشقا، گىلۇكوزا، ھەسەل، كولا، ئۈزۈم، سۈت، ماروژنى، شاكىلاتمۇ قان بېسىمنى تېز ئۆرلىتەلەيدۇ.

  كونكرېت ئۇسۇل مۇنداق: قان بېسىم تۆۋەنلەپ كەتكەندە بىر ئىستاكان شېكەر ياكى گىلۇكوزا تەركىبىلىك شېكەر سۈيىدىن 15-20 گىرام ياكى كولا (300 مىللىلىتىر) ئىچسە؛ بىر، ئىككى قوشۇق ھەسەل، ئالتە تال قەنت ياكى ئىككى تال پېچىنە (30 گرام) يېسە، قان بېسىمنى تېز سۈرئەتتە ئۆرلەتكىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى