بەزى خانىم-قىزلار سەھەر ئويغانسىمۇ، قوپۇشتىن ئېرىنىدۇ، لېكىن بۇ ئادەت داۋاملاشسا، كىلىماكتېرىيە دەۋرى بالدۇر باشلىنىدۇ.
ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئاياللاردىكى كىلىماكتېرىيە دەۋرىنىڭ بالدۇر باشلىنىشى بېسىم ھەددىدىن زىيادە ئېغىر بولۇش، روھىي جىددىيلىك، ھەددىدىن زىيادە ئورۇقلاش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سەھەر تۇرماسلىق يەنە بەزىبىر يوشۇرۇن كېسەللىكلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەدەننىڭ بىيولوگىيەلىك قانۇنىيىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، پائالىيەتلەر نورمال قانۇنىيەت بويىچە بولغاندا، روھلۇق يۈرگىلى بولىدۇ. لېكىن دائىم سەھەر ئورنىدىن تۇرماي يېتىۋەرسە، بۇ قانۇنىيەت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، چوڭ مېڭىگە قان يېتىشمەيدۇ. ئادەم ئۇخلىغاندا چوڭ مېڭە تورمۇزلانغان ھالەتتە بولىدۇ. ناۋادا سەھەر ئورنىدىن تۇرۇشقا ھورۇنلۇق قىلغاندا، چوڭ مېڭىنىڭ تورمۇزلىنىش ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىپ، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ھەزىم قىلىش ناچارلىشىدۇ. سەھەر ئورنىدىن تۇرۇشقا ھورۇنلۇق قىلىدىغان كىشىلەر دائىم ناشتا قىلمايدۇ، بۇ ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ، قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى
پىراكتىكانت ساباھەت ئەركىن تەييارلىغان