تەڭرىتاغ تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ھەر ۋاقىت ئەستىن چىقارماي، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن مەڭگۈ كۈرەش قىلايلى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1–قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايغا ئېھتىرام بىلدۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنى چۈشتىن كېيىن دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايغا ئېھتىرام بىلدۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا ئالدى بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايغا ئېھتىرام بىلدۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى يەتكۈزۈلدى. ئارقىدىن چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار بىلەن بىرلىكتە پارتىيە بايرىقى ئالدىدا پارتىيەگە كىرىش قەسەمنامىسىنى تەكرارلىدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى يېپىلىپ بىر ھەپتە ئۆتۈپلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ، ئالايىتەن شاڭخەيدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايغا ۋە جېجياڭ جياشىڭنىڭ نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمىگە ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى قايتا ئەسلەپ، پارتىيەنىڭ كۈرەش مۇساپىسىگە قايتا نەزەر سېلىپ، پارتىيەگە كىرىش قەسەمنامىسىنى تەكرارلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، ‹‹قىزىل كېمە روھى››نى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن شەرھلەپ، ‹‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ كۈرەش قىلىش›› ئۇلۇغۋار چاقىرىقىنى چىقاردى. بۇ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇماي، مەڭگۈ كۈرەش قىلىش قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق ئىپادىلەپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى نامايان قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى زور دەرىجىدە چىڭىتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ شاڭخەيدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايغا ۋە جېجياڭ جياشىڭنىڭ نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمىگە كوللېكتىپ ئېھتىرام بىلدۈرۈشى پۈتۈن پارتىيەگە شەرەپلىك نەمۇنە تىكلەپ بېرىپ، بىزگە ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىش توغرىسىدا جانلىق پارتىيە دەرسى ئۆتۈپ، مىسلىسىز چوڭقۇر، روھىمىزغا تەسىر قىلغۇدەك بىر قېتىملىق مەنىۋى تەربىيە بەردى، بۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ تارىخىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلىشىدە، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتىنى ئىگىلىشىدە، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان، مەڭگۈ توختاپ قالمايدىغان روھىي ھالەتنى، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كۈرەش قىلىدىغان، توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان ھالەتنى باشتىن – ئاخىر ساقلىشىدا، ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ جەزمەن پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەننى ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچ – قۇدرىتىنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇجەسسەملەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايغا ئېھتىرام بىلدۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، قايتا – قايتا ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، روھىي ماھىيىتىنى ئىگىلەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 – ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ كۈرەش قىلىپ، يېڭى دەۋردە ئىتتىپاق – ئىناق، باي، گۈللەنگەن، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  بىرىنچىدىن، يادرونى سادىقلىق بىلەن قوغداش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيە ھىمايە قىلىدىغان، خەلق قەدىرلەيدىغان، پارتىيەنىڭ داھىيسى بولۇشقا مۇناسىپ داھىي، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، شانلىق تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەك. پارتىيەمىزنىڭ شانلىق تارىخى ۋە كۈرەش مۇساپىسىنى باشتىن – ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ئالىيجاناب روھىدىن ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۈچ – قۇدرەتكە ئىگە بولۇپ، ‹‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلايلى›› باش تېمىلىق تەربىيەنى ئەستايىدىل ياخشى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، ‹‹قىزىل كېمە روھى››نى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. ‹‹قىزىل كېمە روھى›› پارتىيەنىڭ مەنىۋى بايلىقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، زامان – ماكاندىن ھالقىغان مەڭگۈلۈك قىممەتكە ۋە تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچكە ئىگە. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرىدە، دەۋر ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹قىزىل كېمە روھى››نى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ‹‹قىزىل كېمە روھى››نىڭ پارلاق دەۋر نۇرىنى چاقنىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ھەر ۋاقىت جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماسلىق، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىش جەھەتتە تەربىيەلەش كېرەك.

  تۆتىنچىدىن، پارتىيەگە كىرىش قەسەمنامىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش كېرەك. ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى پارتىيەگە كىرىش قەسەمنامىسىنى باشتىن – ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەگە كىرىش قەسەمنامىسىدە ئۆمۈر بويى چىڭ تۇرۇپ، قەسەمنامىنى قەلبىگە پۈكۈپ، ئۆزىنى دائىم ئۇنىڭغا سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىنى تەربىيەلەپ، توغرىلاپ، پارتىيەۋىلىكىنى چېنىقتۇرۇپ، باشتىن – ئاخىر ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق قەلبىدىكى ئېتىقادىنى شەرھلىشى كېرەك. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(تۈزىتىلمە)››نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىنى ياخشى ئۆگىنىپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە ئەمەل قىلىپ، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمى ۋە تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلىشى كېرەك.

  بەشىنچىدىن، تۈپ ئاساسىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەك. ‹‹جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەش››تىن ئىبارەت جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ بۇ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى باشتىن – ئاخىر ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئىشلىرىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى مەڭگۈلۈك كۈرەش نىشانى قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئۈزلۈكسىز يېتەكلەپ، تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش كېرەك.

  ئالتىنچىدىن، غايە – ئېتىقادنى مۇستەھكەملەش كېرەك. غايە – ئېتىقادنى مۇستەھكەملەشنى پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ئارقىلىق قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكىنى تىكلەپ، دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت بۇ ‹‹باش ئاچقۇچ›› مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىگە قەتئىي ئېتىقاد قىلغۇچى ۋە ئۇنى سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇش كېرەك.

  يەتتىنچىدىن، باشتىن – ئاخىر بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك. مەڭگۈ كۈرەش قىلىش ھالىتىنى ساقلاپ، باشتىن – ئاخىر كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇش، مەغرۇرلانماسلىق ۋە ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق ئىستىلىنى ساقلاپ، جاپا – مۇشەققەتتىن، قۇربان بېرىشتىن قورقماي، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا پىلانلانغان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ نىشان – ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ ياخشى يارىتىپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 71گە قارشى 84نومۇر بىلەن سىچۈەن كوماندىسىنى يېڭىپ، مۇشۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈردى
  • ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات ئۆمىكى كۇچادا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى
  • ئۈرۈمچىدىن تاشكەنتكە بىۋاستە قاتنايدىغان تۇنجى يۈك پويىزى يولغا چىقتى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى