جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: جۇڭگو پاراۋۇز گورۇھى جۇجوۋ ئېلېكتىروۋۇز تەتقىقات ئورنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان دۇنيادىكى تۇنجى ئەقلىي رېلىسلىق تېز پويىزى 23-ئۆكتەبىر «جۇڭگو ئېلېكتىروۋۇز مەركىزى» جۇجوۋدا رەسمىي يولغا چىقتى. ئەقلىي رېلىسلىق تېز پويىزغا ھەقىقىي رېلىس ياتقۇزۇش ھاجەتسىز بولۇپ، ئۇ مەركىزىي «چوڭ مېڭە»نىڭ پويىزنىڭ مېڭىشىنى توپتوغرا كونتىرول قىلىشى ئارقىلىق بەلگىلەنگەن مەۋھۇم رېلىستا قاتنايدۇ.
ئەقلىي رېلىستا تېز يۈرۈش سىستېمىىسى جۇڭگو پاراۋۇز گۇرۇھى جۇجوۋ ئېلېكتىروۋۇز تەتقىقات ئورنى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تۇنجى ئىجادىيىتى بولۇپ، ئۇ بىر خىل مەۋھۇم تىرايىكتورىيە(ئىز)نى ئەگىشىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېلېكتىر قوزغىتىش تېخنىكىسى قوللىنىلغان، پۈتۈنلەي يېڭىچە بولغان رېلىسلىق قاتناش تىرانسىپورت سىستېمىسىدۇر، ئۇنىڭدا پويىز توكتا ماڭىدۇ، باش بېكەت ۋە ئاخىرقى بېكەتكە توك قاچىلاش پونكىتلىرى تەسىس قىلىنىدۇ، پويىزغا 10 مىنۇت توك قاچىلاپلا 25 كىلومېتىر مۇساپىنى باسقىلى بولىدۇ. پىلان بويىچە، بۇ ئەقلىي رېلىسلىق پويىزنى 2019-يىلى يېرىم ئاپتوماتىك ھەيدەش، 2020-يىلى پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك ھەيدەش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.