ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونادىكى دۇنيا سەھىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، باغچە ئەتراپىدا ياشاش بالىلارنىڭ دىققىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە، دىققىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئۇزارتىشقا پايدىلىق ئىكەن.
تەتقىقاتچىلار 2003-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا سۈنئىي ھەمراھ تەسۋىرىدىن پايدىلىنىپ، 1500 بالىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان ۋاقتى، تۆت-بەش ياش ۋاقتى ھەمدە يەتتە ياش ۋاقتىدىكى تۇرغان جايىنىڭ 100 مېتىر، 300 مېتىر ۋە 500 مېتىر دائىرىسىكى يېشىللىق دەرىجىسىنى باھالاپ، تەتقىقات ئوبيېكتلىرىنىڭ دىققىتىنى ئىككى قېتىم سىنىغان. نەتىجىدە، باغچە ئەتراپىدا ياشىغان بالىلارنىڭ سىناقتا خاتالىقى ئاز كۆرۈلگەن، ئىنكاسى تېز، دىققىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋاقتى ئۇزۇن بولغان.
تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەڭ يېڭى ساندىكى «مۇھىت ۋە ساغلاملىققا نەزەر» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «شەھەردىكى يېشىللىق ئىجتىمائىي ئالاقىنى ئاشۇرۇشقا، تەنتەربىيە پائالىيىتىنى كۈچەيتىشكە، ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى ۋە شاۋقۇندىن بۇلغىنىشنى ئازايتىشقا پايدىلىق، بۇ ئامىللار كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم». تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، يېشىل مۇھىت بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.