ئۇكرائىناغا قاتنايدىغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يولغا چىقىشقا ھازىرلاندى.
ئۆز خەۋىرىمىز: نېفىت بۇرغىلاش ئۈسكۈنىلىرىنى قاچىلىغان X9081-قېتىملىق پويىز 29-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن ئايرىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى پولتاۋا شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى. بۇ شىنجاڭدىن ئۇكرائىناغا قاراپ يولغا چىققان تۇنجى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ھېسابلىنىدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ نۆۋەتچى پويىز ئالاتاۋ ئېغىزىدىن چېگرىدىن چىقىپ، قازاقىستان، رۇسىيەدىن ئۆتۈپ، ئاخىرىدا ئۇكرائىنانىڭ پولتاۋا شەھىرىگە يېتىپ بارىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، يۈرۈش ۋاقتى 15 كۈن ئەتراپىدا بولىدىكەن.