تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

‹‹ئىككى خىل ھېسابات››دېھقانلارنىڭ بەخت تۇيغۇسى، مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى كۈچەيتتى

    پەرھاد مىجىت، رىزۋانگۈل راخمان خەۋەر قىلىدۇ: شايار ناھىيەسىدە ‹‹ئىككى خىل ھېسابات››نى ئىگىلەش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىپ، دېھقانلارنىڭ بەخت تۇيغۇسى، پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى تېخىمۇ كۈچەيدى.
    بۇ ناھىيەدىكى كەنتلەردە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار ۋە كەنت كادىرلىرى تۆت ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەش، دېھقانلارنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەن ھېسابات تالونلىرىنى يىغىش، رەتلەش، تەكتىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، ‹‹ئىككى خىل ھېسابات›› مەلۇمات جەدۋىلىنى ئاشكارىلىدى. دېھقانلار بۇ ھېساباتنى كۆرگەندىن كېيىن، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان دۆلەتنىڭ ئاز بولمىغان ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن تولۇق بەھرىمەن بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەتكە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى تېخىمۇ كۈچەيدى.
    گۈلباغ بازىرىنىڭ يۇقىرى كۆلداشى كەنتىدە ھەر دۈشەنبە كۈنى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدىن كېيىن، دېھقانلار كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن كەنت كادىرلىرىنىڭ ‹‹ئىككى خىل ھېسابات››قا ئائىت بەرگەن مەلۇماتى ۋە پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىگە ئائىت لېكسىيەسىنى ئاڭلايدۇ. كەنت ئاھالىسى قارىيەم باسىت مۇنداق دەيدۇ: بىز 2012 – يىلىدىن بۇيان، ‹‹ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش›› قۇرۇلۇشى تولۇقلىما پۇلىدىن 33 مىڭ 500 يۈەن، بۇغداي، قوناق، كېۋەز تېرىقچىلىقى تولۇقلىما پۇلىدىن 18 مىڭ يۈەن ئاپتۇق. بۇنىڭغا مائارىپ، داۋالىنىش تولۇقلىما پۇلىنى قوشقاندا، بەش يىلدىن بۇيان ئالغان تولۇقلىما پۇلىمىز 70 مىڭ يۈەندىن ئېشىپتۇ، بۇنىڭدىن پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى ياخشىلاپ نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشىمىز ئۈچۈن يېقىندىن مەدەت بېرىۋاتقانلىقىنى بىلەلەيمىز. شۇڭا پارتىيەگە قانچىلىك رەھمەت ئېيتساق ئازلىق قىلىدۇ.
    ھازىر ‹‹ئىككى خىل ھېسابات›› نەتىجىسىدىن خەۋەر تاپقان دېھقانلارنىڭ پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى تېخىمۇ كۈچىيىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان بىر ئوچۇم يامان نىيەتلىك كىشىلەرگە بولغان غەزەپ – نەپرىتى تېخىمۇ قايناپ تاشتى.
    يۇقىرى كۆلداشى كەنت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۈمە ھاشىم مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەنتىمىزدىكى ئاھالىلەر پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن تولۇق بەھرىمەن بولدى. ئۇلار پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەي ماختاپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆز كۈچىگە تايىنىپ بېيىش يولىغا ئاتلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 71گە قارشى 84نومۇر بىلەن سىچۈەن كوماندىسىنى يېڭىپ، مۇشۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈردى
  • ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات ئۆمىكى كۇچادا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى
  • ئۈرۈمچىدىن تاشكەنتكە بىۋاستە قاتنايدىغان تۇنجى يۈك پويىزى يولغا چىقتى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى