تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

قەلبىڭىزدە ئىشەنچ چىرىغى يېنىپ تۇرسۇن

   كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشەنچنىڭ كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئىشەنچ ئادەمگە ئۈمىد بېغىشلايدۇ، ئۇ كىشىلەرنىڭ غەلىبە يولىنى يورۇتۇپ، بەخت يۇلتۇزىنى چاقنىتىدۇ، ئادەم ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا ئىشەنگەندىلا مەيلى ئۆگىنىش، تۇرمۇش ۋە ياكى تۈرلۈك پائالىيەتلەردە بولسۇن ئۆزىنىڭ رولىنى ئاكتىپلىق بىلەن ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ.
   تەۋرەنمەس ئىرادە ۋە تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ئادەمدە ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشنىڭ ئاساسى بولۇپلا قالماي يەنە كىشىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان مەنىۋى ئېنېرگىيەدۇر. خۇددى نىيوتون ئېيتقاندەك «بىر ئادەمدە ئىشەنچ بولمىسا، ئۇ ھېچقانداق ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ». ئىشەنچ تۇيغۇسى كۈچلۈك، تىرىشچان، ئىرادىلىك ئادەملەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىمكانىيىتى چوڭ بولىدۇ، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئاكتىپچانلىقىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. دېمەك ئىشەنچ ئۆز- ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىدە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش، كىشىنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش، ئىجادىي تەپەككۇرىنى قوزغاش، كەسكىن رىقابەتكە دادىل يۈزلىنىشتە زور تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، باشقىلارغا تايىنىۋالىدىغان، ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان ئادەملەردە قورقۇش، ئۈمىدسىزلىنىش، يېڭى شەيئىنى سىناپ كۆرۈشكە جۈرئەت قىلالماسلىق، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا باشقىلارغا يۆلىنىۋېلىشتەك پىسخىك ئاجىزلىقلار كۆرۈلىدۇ.
   ئادەم كىشىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن قىيىنچىلىق، زىددىيەت ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراپ تۇرىدۇ، بەزىلەر چۈشكۈنلۈك سەۋەبىدىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئوڭۇشسىزلىق ئانچە قورقۇنچلۇق ئەمەس، ھەممىدىن قورقۇنچلۇقى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىشتۇر. شۇڭا ھەرقانداق ئادەم ھاياتقا قايتا ئىشەنچ بىلەن نەزەر تاشلىغاندىلا، تۈرلۈك قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى