تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

خۇشاللىقنى نەدىن تاپىمىز

1.خۇشاللىقنى ئالدى بىلەن ئۆز ئەتراپىمىزدىن ئىزدىشىمىز كېرەك. بىز پەقەت كۆرۈش، بايقاش، سېزىش، ھېس قىلىشقا، ھەقىقىي خوشاللىقنىڭ قىممىتىنى تونۇشقا ماھىر بولساقلا، ئاندىن چىن مەنىدىكى خۇشاللىققا ئېرىشەلەيمىز.

2.گۈزەللىككە تويۇنغان تەبىئەت، مۇھەببەتكە تويۇنغان مېھىرلىك دۇنيامۇ بىزگە يەنە چەكسىز خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ.

3.بىز بىرگە ياشاۋاتقان، بىرگە ئۆتۈۋاتقان، بىرگە ئىشلەۋاتقان دوستلار، يۇرتداشلار، سەپداشلار، خىزمەتداشلار، كەسىپداشلار، ساۋاقداشلارمۇ بىزنىڭ خوشاللىق مەنبەيىمىز، بىزگە ئىلھام، مەدەت بەرگۈچىلەردۇر.

4.قىلىۋاتقان ئىش ئەمگىكىمىز بىزنىڭ ماددىي تۇرمۇشىمىزنىڭ كاپالىتى، شۇنداقلا يەنە مەنىۋى تۇرمۇشىمىزنىڭ كاپالىتى، ھەم خۇشاللىقىمىزنىڭ ئاساسى. جەمئىيەتتە ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ كەسپىدىن خۇشاللىق تاپالايدۇ.

5.ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ھۈجەيرىسى. ھاياتىمىزنىڭ كۆپ قىسمى ئائىلىدە ئۆتىدۇ. شۇڭا بىز خۇشاللىقنى ئائىلىدىن تېپىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىر ئائىلە ئەزاسى گۈزەل بولغان ئائىلە ئەخلاقىغا رېئايە قىلىشى، ھەممەيلەن بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىشى، بىر-بىرىگە مېھرىبان بولۇشى، بارلىق ئائىلە ئەزالىرىدا ئائىلىنى سۆيۈش،ئائىلىنى گۈللەندۈرۈش، ئىناق ئائىلە قۇرۇش روھى بولۇشى كېرەك.

«پەن ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى