10-ئۆكتەبىر، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىن مائارىپقا ياردەم بەرگىلى كەلگەن ئوقۇتقۇچى دىلنىگار ئەكرەم قاراقاش ناھىيەسى جاھانباغ يېزىسى بۇلاق كەنتىدىكى «قوش تىل» بالىلار باغچىسىدا بالىلارغا قول ھۈنەر دەرىسى ئۆتمەكتە
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 2017-يىل، قاراقاش ناھىيەسى 900 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىپ 207 يېزا «قوش تىل» بالىلار باغچىسىنى يېڭىدىن سالدى ۋە كېڭەيتىپ قۇردى. نۆۋەتتە بالىلار باغچىلىرى پۈتۈنلەي ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلغان بولۇپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى 63 مىڭدىن ئارتۇق يېزا يەسلى يېشىدىكى بالىلار بۇ ئەۋزەل شارائىتتىن بەھرىمەن بولدى.
7-ئۆكتەبىر، شىخۇ شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جاڭ جيەنجۇڭ (ئوتتۇرىدا) خوتەن ۋىلايىتىدىن كەلگەن شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا خەتتاتلىق دەرسى ئۆتمەكتە
2017-يىلى سېنتەبىردە، خوتەن ۋىلايىتىدىن كەلگەن 231 نەپەر شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى شىخۇ شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇردى. بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى.