قىزچاق، سىز گۈزەل بولمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، لېكىن چوقۇم ئاق كۆڭۈل بولۇڭ. ئەگەر گۈزەللىكنى چىرايلىق بىر قۇر كىيىم دېسەك، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇنىڭغا يوشۇرۇنغان گۆھەر، چاقناپ تۇرىدىغان نۇر.
قىزچاق، سىز گۈزەل بولمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، لېكىن چوقۇم ۋاپادار بولۇڭ. دۇنيادىكى بارلىق كىشىلەر چىرايىڭىز تۈپەيلى سىزنى چەتكە قاققان تەقدىردىمۇ ئاتا-ئانىڭىز سىزنى مەڭگۈ قوللايدۇ ھەم ئۆزلىرىنىڭ قۇياشتەك ئىللىق مۇھەببىتى بىلەن ئۈن-تىنسىز سىزنى ھىمايە قىلىدۇ.
قىزچاق، سىز گۈزەل بولمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، لېكىن چوقۇم قەيسەر بولۇڭ. ياشلىقتا نۇرغۇنلىغان ۋەزىپىلەر سىزگە يۈكلەنگەن بولىدۇ، پەقەت ئۆزىڭىزگە مۇكەممەل نشان تىكلەپ، كۆڭلىڭىزدە ئارزۇ سېپىلىنى قۇرۇپ، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزنى«مەن مەغلۇبىيەتچى ئەمەس، بەلكى غەلبە قىلغۇچى»دەپ ئەسكەرتىپ تۇرسىڭىزلا،چوقۇم نەتىجە قازىنالايسىز.
قىزچاق، سىز گۈزەل بولمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، لېكىن چوقۇم تىرىشچان بولۇڭ.كىتابنى كۆپ ئوقۇش بىلىمىڭىزنى ئاشۇرۇپلا قالماي كۈنلىرىڭىزنى ئەھمىيەتلىك ۋە مەنىلىك قىلىدۇ.
قىزچاق، سىز گۈزەل بولمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، لېكىن چوقۇم مىننەتدار بولۇشنى ئۆگىنىڭ. ئاتا-ئانىڭىز،دوستلىرىڭىز ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىڭىزغا رەھمىتىڭىزنى بىلدۈرۈپ تۇرۇڭ.
«تەرمىلەر» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى