نىكاھ يېڭى پېتى ساقلاشقا مۇھتاج-تەڭرىتاغ تورى-ts
تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە ۋە نىكاھ

نىكاھ يېڭى پېتى ساقلاشقا مۇھتاج

  نىكاھ تۇرمۇشى ھامان ئۇن، ماي، گۈرۈچ، سۈت، تۇخۇم قاتارلىق ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارغا باغلانغان بولىدۇ. ھەر كۈنى ئىشقا بارغان، ئۆيگە قايتقان، تاماق ئەتكەن، تازىلىق قىلغان، تېلېۋىزور كۆرگەن، ئۇخلىغان، ئۆزگەرمەس ئەندىزە نىكاھ تۇرمۇشىنى رەڭسىز كىنوغا ئايلاندۇرۇپ، ئاشۇ كىنونىڭ باش قەھرىمانى بولغان ئاياللارمۇ تەبىئىيلا جەلپكارلىقىنى يوقىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن ئاياللار بالىلىق بولغاندىن كېيىنلا تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرىغا پېتىپ قېلىپ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلەلمەس بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن نىكاھى كىرىزىسقا دۇچ كېلىدۇ.

گۈزەل نىكاھ ئىككى ئادەمنىڭ بىللە ئاسرىشى، باشقۇرىشىغا موھتاج. بۇنىڭ ئىچىدە يەنە ئىككىيلەننىڭ ئورتاق رىئايە قىلىشىغا تېگىشلىك بولغان «نىكاھ پىرىنسىپى»مۇ بار. نىكاھ پىرىنسىپى بويىچە ئىش تۇتسىڭىز نىكاھنى تولۇپ -تاشقان ھاياتىي كۈچكە ۋە مۇھەببەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. ناۋادا بۇ پىرىنسىپقا ئەمەل قىلسىڭىز، نىكاھ تۇرمۇشىڭىزنى مۇھەببەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. ناۋادا بۇ پىرىنسىپقا ئەمەل قىلالمىسىڭىز ئاساسىي ھەرقانچە ياخشى نىكاھمۇ ۋەيران بولۇشى مۇمكىن.

ئادەتتىكىچە ئېيتقاندا، نىكاھنىڭ مۇنداق تۆت خەتەرلىك مەزگىلى بار:

بىرىنچى، خەتەرلىك مەزگىل، بالا تۇغۇلغان ۋاقىت بولۇپ، ئەر-ئايال ئىككىيلەننىڭ بېسىمى ئېغىرلاپ، ئەسلىدىكى كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئويۇن-تاماشالار زور دەرىجىدە ئازىيىپ، ئەسلىدە «ئىككى كىشىلىك دۇنيا»، «ئۈچ بۇرجەكلىك» مۇناسىۋەتكە ئايلانغاندىن كىيىن، كۆپ ساندىكى ئاياللاردا جىددىيلىشىش، ئېسەنگىرەش، گاڭگىراش پەيدا بولىدۇ.

توي قىلىپ4-، 5-يىلى ئىككىنىچى خەتەرلىك مەزگىل بولۇپ، ئاياللار ئاسانلا تۇرمۇشىنى مەنىسىز ھېس قىلشقا باشلايدۇ. ئەر خىزمەتتىن نەتىجە قازىنالمىغان، ئۆي ئىشىغا تېخى قاراشمىغان؛ ئايال ھەم ئىشلەپ، ھەم بالىغا قاراپ ھەم ئۆي ئىشىنى قىلىپ ئالدىراشچىلىقتا باش تاتلايدىغانغا چولا يوق ھالاتتە. ئەر-ئايال بىر- بىرىگە قىزغىنلىق بىلدۈرۈدىغانغا تېخىمۇ ۋاقىت چىقىرالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

نىكاھدىكى ئۈچىنچى خەتەرلىك مەزگىل دەل تويدىن كېيىنكى ئالتىنچى يىلى بولۇپ، جەمىيەتشۇناسلارنىڭ بايقىشىچە، ئەر- ئايالنىڭ تويدىن كېيىنكى 6-يىلدىن 10-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا نىكاھقا بولغان رازىمەنلىك دەرىجىسى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالىدىكەن، ھەمدە ئەمەلىيەتتىمۇ ئاجرىشىش نىسبىتى دەل 7-يىلدىن 10-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىدىكەن. بۇ چاغدا ئەگەر ئەر-ئايال بىر-بىرىگە ئەڭ زور سەۋىرچانلىق، ئەڭ كۆپ غەمخورلۇق بىلەن ياردەم قىلالىسا نىكاھنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، شۇڭا بۇ مەزگىلدە ئاياللار ئائىلە مۇناسىۋىتىنى تەڭشەشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.

تۆتىنچى خەتەرلىك مەزگىل تويدىن كېيىنكى20-يىلى ئەتراپىدا بولۇپ، ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدا تەدرىجىي ئۆزگىرىش بولىدۇ، بولۇپمۇ بۇ مەزگىلدە كۆپىنچە ئاياللار كىلماكتېرىيە دەۋرىگە كىرىپ مىجەزى ئۆزگىرىپ چۇسلىشىپ كېتىدۇ ۋە خاتىرجەمسىزلىنىدۇ، مۇشۇ چاغدا ئۇ باشقىلارنىڭ بولۇپمۇ ئېرىنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىشىگە ۋە تەسەللى بېرىشىگە موھتاج بولىدۇ، بىراق بۇ مەزگىلدە ئەرمۇ بارغانسىرى قېرىشقا قاراپ يۈزلىنىپ قاتتىق ئۈمۈدسىزلەنگەن، روھىي چۈشكەن ھالەتتە بولۇپ، ئايالىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالماي قېلىشى مۇمكىن. ھالبۇكى ئايالىمۇ دەل مۇشۇنداق ئورتاق موھتاجلىقتا تۇرۇۋاتقان بولىدۇ.

ھەر بىر نىكاھلىق ئايال نىكاھ تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، پەقەت قارشى تەرەپتىن بەك يۇقىرى ئۈمىد كۈتمىسە،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەرلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئىنتايىن ئاجىز ئىكەنلىكىنى چۈشەنسە، نىكاھ سۈپىتىنى مۇۋاپىق ياخشىلاپ كېتەلەيدۇ. دېمەك، ئاياللار بىر مۇقىم ۋە گۈزەل بولغان نىكاھنى باشقۇرۇشقا ھەم يېڭى پېتى ساقلاشقا مۇھتاج. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن پىسخىك كەيپىياتنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش، ئىمكان بار خىزمەتتىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۆيگە ئېلىپ كەلمەسلىك، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەش، ئەڭ ياخشىسى بىرەر ئورتاق ھەۋەس بولۇشى لازىم. ئېرىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا كەڭ قورساقلىق قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئۆزىنىڭ خاسلىقىنىمۇ ساقلاش، پىرىنسىپسىز ئىشلارغا يول قويىۋەرمەسلىك، كەيپىياتىم ناچار دەپ ئۆزىنى تاشلىۋەتمەسلىك، ھەر دائىم پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ئازراق كوتۇلداش، قارشى تەرەپنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە تەگمەسلىك، بىر-بىرىنى ئاسراش، ئەر-ئايال بىللە كىنو ياكى بىرەر تېلىۋىزىيە تىياتىرى كۆرۈش ياكى بىرەر ئەدەبىي ئەسەرنى بىللە ئوقۇش، شۇ ئارقىلىق ھېسسىياتنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈس، بىر-بىرىنى ماختاپ تۇرۇش قاتارلىقلار تولىمۇ مۇھىم. ئەر-ئايال ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، ماسلىشىپ، ئىناق ئۆتۈش، بىر-بىرىگە ياردەملىشىش كېرەك. بىرسى ئىنتايىن ئاجىز ئەھۋالدا تۇرغاندا يەنە بىرى ئۇنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا مەدەت بېرىش، ياردەم بېرىش، تۇرمۇشتا ئەقلىنى ئىشلىتىپ، ھەمراھىنى ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش لازىم. شۇندىلا بۇ نىكاھ ئۇزاققا سوزۇلغان گۈزەل نىكاھقا ئايلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى