19-ئۆكتەبىر، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى شوربۇلاق كوچىسى شوربۇلاق شەرقىي مەھەللىسىنىڭ پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى جيا گۈييىن(ئوتتۇرىدا) ئاھالىلەرنى 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى.
19-ئۆكتەبىر، چاقىلىق ناھىيە چاقىلىق بازار مەدەنىيەت مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى ھەر مىللەت ئاھالىلەرنى 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. ئاھالىلەر بەس-بەستە دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان « شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ۋە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» قاتارلىق مەزمۇنلارنىڭ كۆپچىلىكنى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلغانلىقىنى ئېيتىشتى.
پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى داغدۇغىلىق ئېچىلغاندىن كېيىن، 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىنى ئۆگىنىش، 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلىش تىيانشاننىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى شەھەر-يېزىلارنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئەۋج ئالدى. ھەر مىللەت كادىر، ئامما گېزىتتىن، رادىيو-تېلېۋېزوردىن، يانفوندىن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىدى، ئەستايىدىل ئۆگەندى، 19-قۇرۇلتاي روھى ئاساسىدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭىچە قىياپەت، يېڭىچە نەتىجىلەر بىلەن يېڭى دەۋرگە قەدەم تاشلاپ، يېڭى مۇساپىنى باشلاپ، يېڭى سەھىپىنى داۋاملىق يازىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى .