تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   19 قۇرۇلتاي

ئۇلۇغ پىلان كىشىلەرنى باتۇرانە ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇردى

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما 19 –قۇرۇلتاينىڭ تەنتەنىلىك باشلىنىش مۇراسىمىنى ئاڭلىدى ۋە كۆردى

  ھەممە كۆز تىكىۋاتقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19 – قۇرۇلتىيى 10 – ئاينىڭ 18 – كۈنى سائەت 9دا بېيجىڭدا داغدۇغىلىق باشلاندى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، ئورۇنلار كادىرلار ۋە ئاممىنى باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىلىشىنى ئاڭلاشقا، كۆرۈشكە ئەستايىدىل تەشكىللىدى، ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئامما يولداش شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا بەرگەن دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. كادىرلار، ئامما بۇنىڭدىن شادلىنىپ، ئىلھاملىنىپ، چەكسىز ھاياجانلىنىپ، بىردەك: دوكلاتنىڭ بايرىقى روشەن، مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر، بايانلىرى مۇپەسسەل بولۇپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، ئىشەنچنى ھەسسىلەپ چىڭىتتى، دەپ قارىدى.

   كىشىنى ھاياجانغا سېلىپ، باتۇرانە ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇردى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى 19 – قۇرۇلتاينىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىلىشىنى كوللېكتىپ كۆرۈشكە تەشكىللىدى. پارتكوم بەنگۇڭتىڭى ئۇنىۋېرسال 4 – باشقارمىسىنىڭ كادىرى ۋاڭ جېغا دوكلاتتىكى ‹‹جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئاسانلا، داقا – دۇمباق چېلىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ›› دېگەن سۆز چوڭقۇر تەسىر قىلغان بولۇپ، ئۇ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: دوكلاتنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، كاللامنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى بىلەن قوراللاندۇرۇپ، خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىدىكى بارلىق كادىرلار دوكلاتنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ كادىرى رەنا مۇتەللىپ مۇنداق دېدى: دوكلاتتا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يەرلىكتىكى دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ كادىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، دوكلاتنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىدىكى 200 گە يېقىن پارتىيە ئەزاسى، كادىر پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىلىشىنى كۆردى، كۆپچىلىك ئەستايىدىل ئاڭلىدى، تەپسىلىي خاتىرە قالدۇردى، پات – پات قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى كاتىبات 6 – باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: 19 – قۇرۇلتاينىڭ تەنتەنىلىك باشلىنىش مۇراسىمىنى كۆرۈپ، بولۇپمۇ دوكلاتنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن ھاياجانلاندۇق ۋە روھلاندۇق. دوكلاتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنىنىڭ بېكىتىلىشى. دوكلاتنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، قەتئىي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بەلگىلىگەن يۆنىلىش – نىشانغا ئاساسەن، مەسئۇلىيەت، بۇرچىمىزنى تىرىشىپ ئادا قىلىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر بالدۇرلا مەجلىسخانىغا كىردى، كۆپچىلىك بىۋاسىتە تارقىتىشنى پۈتۈن زېھنى بىلەن كۆرگەچ خاتىرە قالدۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى كادىرلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لى چۈەنجياڭ مۇنداق دېدى: دوكلات كىشىنى ھاياجانلاندۇرۇپ، ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ، دوكلاتتا خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىدە دىققەتنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىنى چۆرىدەپ، كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيەنى سىياسىي كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەتچىلىك، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش – مۇھاكىمە قىلىش مەزمۇنى ۋە شەكلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورتاق قاراشنى كۈچەپ چىڭىتىپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشىغا سۇپا ھازىرلاپ، دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى تېخىمۇ كۆپ يول بىلەن تەمىنلەيمىز.

  بىڭتۈەندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىلىشىنى ھاياجانلىق ۋە خۇشاللىق كەيپىياتىدا كۆردى. بىڭتۈەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش كاتىپ خې يىڭ مۇنداق دېدى: دوكلاتتا بەش يىلدىن بۇيانقى پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلىنىپتۇ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش – مەمۇرىي تەپتىش كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. بىز دوكلاتتىكى تەلەپلەرگە ئاساسەن، پارتىيە نىزامنامىسىدە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىمىزنى يەنىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىش قەدىمىمىزنى توختاتماي، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، يامانلارنى جازالاشتا يۇمشاق قوللۇق قىلماي، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، بىڭتۈەن سىياسىي ئېكولوگىيەسىنىڭ ياخشى قوغدىغۇچىلىرىدىن بولىمىز.

   بۇرچ ئەستە چىڭ ساقلىنىپ، مەسئۇلىيەت دادىل زىممىگە ئېلىندى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي تەپتىش نازارىتىنىڭ نازىرى، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەخمەتجان مىنام مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش – مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش – مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بۇرچ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا تېخىمۇ ئاڭلىق سىڭدۈرىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەشۋىقات باشقارمىسىنىڭ كادىرى جيا دېلەن مۇنداق دېدى: دوكلاتتا بەزى يېڭى ھۆكۈملەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ خەلقنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەڭپۇڭسىز، يېتەرسىز تەرەققىيات ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئايلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. بۇ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەزەرىيەۋى نەتىجىسى، پارتىيەمىزنىڭ يەنە بىر قېتىملىق نەزەرىيەدە زور يېڭىلىق يارىتىشى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى 30 يىللىق تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  يىغىن باشلانغاندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي – قانۇن كومىتېتى ئورگىنىدىكى بارلىق كادىرلار ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي – قانۇن كومىتېتى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش 4 – باشقارمىسىنىڭ كادىرى مېڭ گېنساڭ مۇنداق دېدى: دوكلاتتا پارتىيەنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قەتئىي ئىشەنچى ۋە ئىرادىسى ئىپادىلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى كۆرۈۋالالايمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئورگىنىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار مۇنداق دېدى: دوكلاتتا ئومۇمىيەت ئىگىلەنگەن، مەزمۇنى مول بولۇپ، كىشىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، دوكلاتنىڭ روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تىرىشىپ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش – تىرانسپورت نازارىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر زۇلپىيە ئابدۇقادىر دوكلاتتىكى قاتناشقا ئالاقىدار مەزمۇنلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلما ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق گۈللەنمە كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول، تاشيول، كۆۋرۈك، پورت، ئايروپورت قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە بىز پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مۇلازىمەت، كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال قاتناش – تىرانسپورت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىمىز.

   ئىپتىخارلىق ھەسسىلەپ ئېشىپ، ئىشەنچ چىڭىتىلدى

  دوكلاتتىكى ‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشى يېقىنقى زاماندىن بۇيان ئېغىر جاپا – مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشىدىن تارتىپ، بېيىش، قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالغانلىقىدىن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت پارلاق ئىستىقبالنى كۈتۈۋالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ›› دېگەن سۆزلەر دېموكراتىيە ئىتتىپاقى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى فەن دامىڭنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار بىلەن بولغان ھەمكارلىق ئىشلىرىدا تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈردى. دېموكراتىيە ئىتتىپاقى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىدىغان پارتىيەگە قويۇلغان تەلەپ بويىچە فۇنكسىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىدۇ.

  ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى باش ئىشتابىنىڭ پەن – تېخنىكا تەتقىقات بازىسى ئاسىيا – ياۋروپا خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە بۇ شىركەتنىڭ مىڭغا يېقىن ئىشچى – خىزمەتچىسى چوڭ ئېكرانلىق تېلېۋىزور ئارقىلىق قۇرۇلتاينىڭ نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلىشىنى كوللېكتىپ كۆردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى پارتكومى كارخانىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، پارتىيە ياچېيكىسى، چەت ئەلدىكى ئىش باشقارمىسىدىكى 4700 پارتىيە ئەزاسى، كادىر ۋە ھەر مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن بولۇپ 10 مىڭغا يېقىن كىشىنى ئوخشاش بولمىغان شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلىشىنى كۆرۈشكە تەشكىللىدى. ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جاڭ شىن مۇنداق دېدى: دوكلاتتا ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقى كۆرسىتىلىپتۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، شىركىتىمىز سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش تەرەققىيات تەپەككۇرىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى بىلەن ئاڭلىق ھالدا زىچ بىر گەۋدە بولۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەمىزنى ئىلمىي تۈزۈپ، تەرەققىياتىمىزنى ساننى ئاشۇرۇشتىن سۈپەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە ئۆزگەرتىپ، مەھسۇلات تېخنىكا سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئالاھىدە تىرانسفورموتور داڭلىق ماركىسىنى يارىتىپ، تىرىشىپ دۆلەتنىڭ سۈپەت، يېڭىلىق يارىتىشتا باشلامچىلىق قىلىدىغان ئىلغار ۋەكىللىرىدىن بولىمىز.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك››، دېگەن سۆزدىن بەك تەسىرلەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز بۇرچىمىزنى زىممىمىزگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ‹‹سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، دىنىي جەھەتتە بىلىملىك، ئەخلاق – پەزىلەت جەھەتتە ئامما قايىل بولىدىغان، ئاچقۇچلۇق پەيتتە رول ئوينىيالايدىغان بولۇش›› تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ساھەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا پەقەت پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن دۆلەتنىڭ گۈللىنىپ قۇدرەت تاپىدىغانلىقىنى؛ پەقەت مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بولغاندىلا، ئاندىن خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشايدىغانلىقىنى، تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى بەختىيار بولىدىغانلىقىنى تولۇق تونۇتۇشىمىز كېرەك.

  دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش›› دېگەن سۆز شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلىرىنى ناھايىتى ھاياجانلاندۇردى. شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ۋۇ ۋېنۋۇ مۇنداق دېدى: دوكلاتتا كەلگۈسى مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتى توغرىسىدا كونكرېت تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، بىز پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چىڭ، ياخشى تۇتۇپ، مائارىپنى خەلق ھەقىقىي رازى بولغىدەك ياخشى باشقۇرىمىز.

  10 – ئاينىڭ 18 – كۈنى سەھەر، قۇياش خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسى چودا يېزىسى لەڭگەر كەنتىنىڭ يېڭىدىن سېلىنغان كەنت مەدەنىيەت مەيدانىغا نۇرىنى چېچىپ تۇراتتى، 30 كىۋادرات مېتىرلىق چوڭ LED ئېكرانى كۆركەم كۆرۈنۈپ تۇراتتى. پۈتۈن كەنتتىكىلەر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن بىللە چوڭ ئېكراندىن قۇرۇلتاينىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى كۆردى. 52 ياشلىق دېھقان ئابدۇقادىر ئابدۇكېرەم مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدە بولغان زور ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدۇم، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خەلقنى بېيىتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى. بولۇپمۇ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىزگە ياردەم بېرىپ نۇرغۇن ياخشى، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى، بۇ چىرايلىق، كەڭ مەدەنىيەت مەيدانىنى دەل خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ياساپ بەرگەن؛ يەنە قۇدۇق قېزىپ، سۇغىرىش قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلدى؛ يول چىراغلىرى ئورنىتىپ بەردى... بىزنىڭ ئىدىيەۋى ئېڭىمىز زور دەرىجىدە ئۆستى، خوتۇنۇم ئىككىمىز پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى يازدۇق، بىز پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمىز، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز.

  10 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ئەتىگەندە پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ جانباز يېزىسى گال كەنتىدىكى 1929 ئاھالە كەنت ئاھالە كومىتېتىغا يىغىلىپ، شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار بىلەن بىللە قۇرۇلتاينىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى كۆردى، چۈشتىن كېيىن بارلىق كادىرلار ۋە ئامما يەنە شىنجاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى 2 – قانىلىدا قۇرۇلتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ئۇلاپ كۆرسىتىلگەن باشلىنىش مۇراسىمىنى كۆردى. شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى غەيرەت ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە ئېچىلغان ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي بولدى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، يەڭنى تۈرۈپ قاتتىق ئىشلەپ، گال كەنتىنى ‹‹ئىناق، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، باي›› كەنت قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

  (مۇخبىرلىرىمىز جاۋ جىيۈن، مېھرىگۈل غوپۇر، مېھرىگۈل ناسىر، سۈي يۈنيەن، جاڭ شياۋيەن، ۋاڭ يايۈن، شى شىن، يۆ يەنيۈن، لۇ فېڭباۋ، ليۇ دۇڭلەي، رىزا زەينىلقان، چېن چياڭۋېي، ليۇ يى، جاۋ چۈنخۇا، لۇ يەن، جاڭ تىڭ، جاۋ شىيا، پىراكتىكانت فۇ يۈشۈەن، سۈن خاۋ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز شاۋ خۇا، فېڭ جاۋيى، ۋاڭ جېنچياڭ، زۇلپىقار، ليۇ تاۋشيۇڭ، فەن جىنفېڭ، چېن ۋەنلۇ، گو فاخەي، جۇ زېجۈ، شيۇڭ جېنشياڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى