تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   19 قۇرۇلتاي

لىدا پېرباي: باشقىلارغا ياردەم بېرىش مەن ئۈچۈن بەخت

  مۇخبىرىمىز جاڭ تىڭ

  لىدا پېرباي 9 – ئاينىڭ 7 – كۈنى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: ‹‹شەرەپنى ماڭا پارتىيە ۋە ئامما بەردى. مەن بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، باشقىلارغا باشلامچى بولۇپ، كومپارتىيە ئەزاسى دېگەن شەرەپلىك نامغا لايىق ئىش قىلىمەن››، دېدى.

  لىدا پېرباي بۇرچىن ناھىيەسى لىدا پېرباي قول ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇملىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، ‹‹مېھرىبان ئانىلار›› جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى. 55 ياشلىق لىدا پېرباي 32 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە بولۇپ، ئۇدا 17 يىل ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالانغان. لىدا پېرباي ئىش ئورنىدىن قالغاندىن كېيىن جاپالىق ئىگىلىك تىكلەپ، ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە مېيىپلەرنى باشلاپ، ‹‹لىدا پېرباي قول ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇملىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى››نى قۇرۇپ، 100 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، شۇ جايدىكى قازاق ئاياللارنى بېيىشكە يېتەكلەيدىغان ‹‹سەركە››گە ئايلانغان. ئۇ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس، مەملىكەتلىك ‹‹8 – مارت›› قىزىلبايراقدارى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن. نۇرغۇن شەرەپلەرگە ئېرىشكەن لىدا پېرباي پارتىيەگە كىرگەن چاغدىكى ئەسلىي مەقسىتىنى باشتىن – ئاخىر ئۇنتۇپ قالمىغان.

  7 – ئاينىڭ 29 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بۇرچىن ناھىيەسىدە ‹‹ساماۋى بۇرچىن ھەم مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش سەپىرى›› ئاساسىي تېما قىلىنغان ئالاھىدە خەير – ساخاۋەتكە ئاتاپ سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتىكى ئاساسلىق پېرسوناژ لىدا پېرباي ئىدى.

  لىدا پېرباي مۇنداق دېدى: بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ يېزىلىرىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە تۇرمۇش خىراجىتىدىن قىينىلىپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، شىركىتىمىزدە ئىشلەپچىقارغان سەنئەت بۇيۇملىرىنى ئىئانە قىلىپ، خەير – ساخاۋەتكە ئاتاپ سېتىشنى قارار قىلدىم. مەنمۇ ئىلگىرى جاپا تارتقان، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى ھەم ئەتراپتىكى قوشنىلارنىڭ ياردىمىدە ئاستا – ئاستا ياخشى كۈنگە ئېرىشتىم. شۇڭا تېخىمۇ كۆپ ئادەمگە قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىمەن.

  1998 – يىلى لىدا پېرباي ئىشلەۋاتقان تەمىنات – سودا كوپىراتىپى ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى شىركىتىنىڭ تۈزۈمى ئۆزگەرتىلگەچكە، لىدا پېرباي ئىش ئورنىدىن قېلىپ، تۇرمۇشى قىيىن ئەھۋالدا قالدى. ‹‹بالا كەلسە قوش كەپتۇ›› دېگەندەك، ئىككىنچى يىلى لىدا پېرباينىڭ ئېرى قازا قىلىپ، ياشانغان قېيىنئانىسى، قورامىغا يەتمىگەن ئۈچ ئىنى – سىڭلىسى ۋە ئىككى نارەسىدە بالىسى بىلەن قېلىپ، بىر ئائىلىدىكى ئالتە جاننىڭ يۈكى ئۇنىڭغا يۈكلەندى، لېكىن قەيسەر لىدا پېرباي بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىنى تاشلىۋەتمىدى.

  لىدا پېرباي خىزمەت جەريانىدا توپلىغان تەجرىبىسىگە ئاساسەن، بازار ئېغىزىدا يايما ئاچتى. ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 5 تە ئورنىدىن تۇرۇپ، ۋېلىسىپىت بىلەن چارۋىچىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ سۈت سېتىۋېلىپ كېلىپ بولكا پىشۇرۇپ، ئەتىگەندە ناشتىلىق ساتتى. كېيىن ئېرىنىڭ ئەسلىدىكى ئىدارىسى ئۇنىڭغا بىر دۇكان ھەل قىلىپ بەردى، لىدا پېرباي بۇ يەردە قازاق قول ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇملىرىنى ساتتى. ئۇ تىرىشىپ ئىشلىگەچكە، تىجارىتى يۈرۈشۈپ پايدا ئېلىشقا يۈزلەندى.

  2012 – يىلى لىدا پېرباينىڭ نامى بىلەن ئاتالغان قول ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇملىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى رەسمىي قۇرۇلدى. ھازىر بۇ شىركەتنىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلىرى ئەسلىدىكى ئالتىدىن 90 نەچچىگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە مېيىپ ئىشچى – خىزمەتچىلەر %60 نى ئىگىلىدى. لىدا پېرباي يەنە بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ يېزا – بازارلىرىدا پىششىقلاش نۇقتىسىدىن ئالتىنى قۇرۇپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار قازاق ئاياللارنى ھەقسىز خام ماتېرىيال ۋە پاتېنتلىق گۈل نۇسخىسى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئۆيىدە كەشتىچىلىك قىلىشىغا ياردەم بەردى. ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە 100 دىن ئارتۇق ئايال ئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2000 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە كىرىم قىلالايدىغان بولدى.

  ئاستا – ئاستا بېيىشقا باشلىغان لىدا پېرباي قىيىنچىلىقى بارلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلدى. 2003 – يىلى ئېگىزتۆبە يېزىسىدىكى بۇداۋ ماشقا ئىسىملىك بىر چارۋىچى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ۋە دۇكان ئېچىش ئۈچۈن پۇل سوراپ كەلدى. لىدا پېرباي ئۇنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇشتا ئېپى بارلىقىنى كۆرۈپ، قىلچە ئىككىلەنمەي 12 مىڭ يۈەن پۇل قەرز بەردى. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، لىدا پېرباي 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ چىقىرىپ، ئالتە دېھقان – چارۋىچىنىڭ ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى، ئۇ يەنە 60 نەچچە دېھقان – چارۋىچىنى 400 مىڭ يۈەنگە يېقىن ئۆسۈمسىز قەرز بىلەن تەمىنلىدى.

  لىدا پېرباي دائىم ياخشى ئىش قىلىپ، بۇرچىن ناھىيەسىدىكى يىراق – يېقىنغا داڭقى كەتكەن ‹‹مېھرىبان ئانا››غا ئايلاندى. 2004 – يىلى ئۇ بۇرچىن ناھىيەلىك ‹‹مېھرىبان ئانىلار›› جەمئىيىتىنى قۇردى ۋە جەمئىيەتنىڭ باشلىقى بولدى. ھازىر بۇ جەمئىيەت دەسلەپتىكى بەش كىشىدىن قازاق، خەنزۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق ئالتە مىللەتتىن بولغان 149 كىشىگە تەرەققىي قىلدى. ‹‹مېھرىبان ئانىلار›› جەمئىيىتى لىدا پېرباينىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش، مېيىپلەرگە، ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىنى قانات يايدۇردى. ‹‹مېھرىبان ئانىلار›› جەمئىيىتى يەنە ھەر يىلى نامرات، يېتىم، مېيىپ بالىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش بويىچە تۆت قېتىم ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، 60 نەچچە بالىنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىغا ماددىي ياردەم بەردى. 2010 – يىلى ‹‹مېھرىبان ئانىلار››نىڭ تەسىرى ھەم يېتەكلىشى نەتىجىسىدە ‹‹مېھرىبان ئاتىلار›› تەشكىلاتى قۇرۇلدى. لىدا پېرباي: ھالقىلىق پەيتتە باشقىلارغا ياردەم بېرىشنىڭ ئۆزى بەخت، دېدى.

  بۇ يىل 5 – ئايدا بۇرچىن بازىرى بەيشەنبۇ مەھەللىسى بۇرچىن ناھىيەسىدىكى ‹‹پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنىنى ئائىلىدە ئېچىش›› خىزمىتى مېخانىزمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان مەھەللىگە ئايلاندى، لىدا پېرباي گۇرۇپپا باشلىقلىقىغا سايلاندى. ھەر دۈشەنبىدىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدىن كېيىن، مەھەللىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ، پارتىيە گۇرۇپپىسى ئۆگىنىشى قىلدى.

  مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، لىدا پېرباي ھەر كۈنى پارتىيە نىزامنامىسىدىن 260 خەت كۆچۈرۈپ يېزىش ئارقىلىق ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى؛ پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۆپ تەرەپلىمە كۈچەيتىپ، تىرىشىپ پارتىيەۋىلىكى كۈچلۈك، ئىستىلى ياخشى، ئىنتىزامى چىڭ، زىچ ئىتتىپاقلاشقان، ساپاسى يۇقىرى پارتىيە گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلدى.

  بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانىنى تىلغا ئالغاندا، لىدا پېرباي: ھازىر سالامەتلىكىم ئىلگىرىكىدەك ياخشى بولمىسىمۇ، لېكىن مەن ئۆز كۈچۈمنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى