تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   سەمىمىي غەمخورلۇق، غايەت زور مەدەت   ›   خەۋەر

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقى»نى قەلبىمىزدە يىلتىز تارتقۇزىمىز

−كېرىيە ناھىيەسىنىڭ شەنبەبازار بازىرى ئۇرۇقچىلىق مەيدان كەنتىدىكى ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى توغرىسىدا قىزغىن مۇنازىرە قىلدى

چېن چېن

1-ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن كېرىيە ناھىيەسىنىڭ شەنبەبازار بازىرى ئۇرۇقچىلىق مەيدان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتى مەجلىسخانىسىدا 100گە يېقىن كەنت ئاھالىسى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ چوڭ قىزى توختىخان قۇربانغا يازغان جاۋاب خېتى توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم مۇنازىرە قىلىشتى.

«بۇنىڭدىن كېيىن، <بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىدۇ>نى كۆڭۈل قويۇپ ئەمەلدە كۆرسىتىمىز، ۋەتەننى، شىنجاڭنى، يۇرتىمىزنى قىزغىن سۆيىمىز». كېرىيە ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئالىمجان تۇرسۇن باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ناھايىتى ھاياجانلاندى.

ئالىمجان كەنتتە يەنە بىر يىل تۇرۇشقا ئىلتىماس قىلغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، كەنتتىكىلەر قۇربان تۇلۇمنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش روھىدا چىڭ تۇرغانلىقتىن، كەنتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ۋەقە يۈز بەرمىدى. كەنتتە يەنە بىر يىل تۇرۇش جەريانىدا كەنتتىكىلەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاشقا ئالاقىدار ئىش- پائالىيەتلىرى ۋە تەجرىبىلىرىنى سىستېمىلىق خۇلاسىلەپ چىقىمەن.

كەنت ئاھالىسى مەرەمنىسا نەبى مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنى دەرقەمتە تۇرۇپ كۆرۈپ باقمىغان بولساممۇ، لېكىن ئۇ جاۋاب خېتىدە كۆڭلۈمدىكى سۆزلەرنى يېزىپتۇ، بۇنىڭدىن باش شۇجىنى كۆرگەندەك ئىللىق تۇيغۇغا چۆمدۈم. بالامنى تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان، پارتىيە، ۋەتەندىن مىننەتدار بولىدىغان قىلىپ ياخشى تەربىيەلەيمەن. قەيەردە بولايلى، نېمە خىزمەت قىلايلى، ئالدى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلىشىمىز كېرەك. جاۋاب خېتىدە ئېيتىلغىنىدەك ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىمىز.

كەنت ئاھالىسى ئابدۇئېزىز مۇھەممەد خوتەن شەھىرىدە تىجارەت قىلىدۇ. ئۇ 1- ئاينىڭ 13- كۈنى كەچتە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر» پىروگراممىسىدىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توختىخانغا جاۋاب خەت يازغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلاندى، ئەتىسى ئەتىگەندىلا ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەنت ئاھالە كومىتېتىغا كەلدى. ئابدۇئېزىز مۇنداق دېدى: مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆز قولى بىلەن قويغان ئىمزاسىنى ئىنچىكە كۆزىتىپ ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدىم.

باش شۇجى جاۋاب خېتىدە «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىدۇ» دەپتۇ. قوشماقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك تۇغقان بولۇش پائالىيىتى بۇ تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ناھايىتى ياخشى ۋاسىتە. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا لو جۈن ئىسىملىك بىر تۇغقىنىم بار بولدى، ئۇ سىچۈەن لۇجۇدىن، بازىرىمىزدىكى يەم- خەشەك زاۋۇتىدا ئىشلەيدۇ. گەرچە خوتەن شەھىرىدە تىجارەت قىلساممۇ، ئۇنى دائىم ئۆيۈمگە مېھمانغا چاقىرىپ تۇردۇم. سىردىشىپ تۇرساق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈچىيىدۇ.

ئوسمان مەتسىدىق ئۇرۇقچىلىق مەيدانى كەنتىنىڭ ئامانلىق ساقلاش مۇدىرى، ئۇنىڭ بۇ ۋەزىپىنى ئۆتەۋاتقىنىغا ئون يىلدىن ئاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى كۆرگەندىن كېيىن كەنتىمىزدىكى ئامما پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچى، دەپ ئويلىدىم. 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، كەنتتە قانۇن، ئىنتىزامغا خىلاپ ئەھۋاللار كۆرۈلمىدى، ھازىر ئامانلىق ساقلاش مۇدىرى دېگەن بۇ نامىم «قۇرۇق نام»غا ئايلىنىپ قالدى، كەنت ئاھالە كومىتېتى مۇدىرىغا ماسلىشىپ ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ھازىرقى ئاساسلىق خىزمىتىم بولۇپ قالدى.

ئابدۇللا قارى ئۇرۇقچىلىق مەيدانى كەنتىدىكى ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان تېرىقچىلىق ماھىرى، تۇرمۇشى ناھايىتى ياخشى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتى توغرىسىدا بىۋاسىتە تەسىراتقا ئىگە. كەنتىمىزدىكىلەر ئىلگىرى بۇغداي، كۆممىقوناق ئۇرۇقى يېتىشتۈرۈش بىلەن شۇغۇللىناتتى، بەزى دېھقانلار ئىلمىي تېرىقچىلىق ئۇسۇلىغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمىگەچكە، كىرىمى تۆۋەن ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە، ھال- ئەھۋالىمىز كۈندىن- كۈنگە ياخشىلانماقتا. كۆپچىلىك ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئىناق بىللە ئۆتىمىز، ھازىرقى كۈنلىرىمىز ئىلگىرىكى بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. مېنىڭچە، ئۇرۇقچىلىق مەيدانىمىز ئاشلىق ئۇرۇقلىرىنى يېتىشتۈرۈپلا قالماي، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇق»لىرىنى يېتىشتۈردى، بۇ ئۇرۇقلار كۆپچىلىكنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى!

مەڭلەشخان مەتسەيدى ئۇرۇقچىلىق مەيدانى كەنتىدە قۇرۇلغان كېرىيە ناھىيەلىك «ئۇزچېۋەر» خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى. مەڭلەشخان 1- ئاينىڭ 14- كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى كېچە سائەت 1 دىن ئاشقاندىمۇ توختىخاننىڭ ئۆيىدە رۇقىيەم مەتسەيدى بىلەن جاۋاب خېتىنى ئوقۇغاندىكى تەسىراتلىرىنى ئورتاقلىشىپ، «ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ تەكلىپى بويىچە ئەتە چۈشتىن بۇرۇن قارقى يېزىلىق ھۆكۈمەتكە بېرىپ لېكسىيە سۆزلەيمەن، جاۋاب خېتىنىڭ مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ لېكسىيەنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ موللاشتۇرۇشنى ئويلىدىم» دېدى. بۇ شىركەت ئەسلىدە ئاياللار كەشتىچىلىك جەمئىيىتى ئىدى، 2009- يىلى نامى «سەھرا ئارامگاھى» گىلەمچىلىك زاۋۇتىغا ئۆزگەرتىلدى، ئۇ، 2012- يىلى ھازىرقى شىركەتنى تەشكىللىدى. مەڭلەشخان: شىركەتتە خەنزۇ، ئۇيغۇر بولۇپ 240 ئايال ئىشلەيدۇ، ھەر مىللەت ئاچا- سىڭىللار ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىناق- ئېجىل ئۆتىدۇ، دېدى.

مەن 1- ئاينىڭ 14- كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 16 دە مەڭلەشخان بىلەن قايتا كۆرۈشكىنىمدە ئۇ مۇنداق دېدى: چۈشتىن بۇرۇن يېزىلىق ھۆكۈمەتتە ئىككى مەيدان لېكسىيە سۆزلىدىم، لېكسىيە ئاڭلاشقا كەلگەن كەنت ئاھالىسى 1100 دىن ئاشتى. لېكسىيە ئاڭلايدىغانلار بەك كۆپ بولغاچقا، لېكسىيەنى يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەپ، ئۈنۈممۇ پۈتۈپ كەتتى، لېكىن، ئىچى- ئىچىمدىن خۇشال بولدۇم. مېنىڭچە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توختىخانغا يازغان جاۋاب خېتى يالغۇز ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە يازغان جاۋاب خېتى ئەمەس، كەنتىمىزدىكى پۈتكۈل ئاھالىگە يازغان جاۋاب خېتى، شۇنداقلا كېرىيە ناھىيەسىگە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا يازغان جاۋاب خېتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى