شىنجاڭدا قۇربان تۇلۇم روھى تەتقىقات ئورنى قۇرۇلدى-تەڭرىتاغ تورى-ts
تەڭرىتاغ تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   سەمىمىي غەمخورلۇق، غايەت زور مەدەت   ›   سۈرەت

شىنجاڭدا قۇربان تۇلۇم روھى تەتقىقات ئورنى قۇرۇلدى

خەلق تورى خەۋىرى: ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا، قۇربان تۇلۇم ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا ماۋجۇشى بىلەن كۆرۈشكىلى بېرىپ، ماۋجۇشىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىدەك ھېكايىلەر پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالغان، قۇربان تۇلۇمنىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسىنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى قىزغىن سۆيىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەيدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ماي بوياق رەسىم، ھەيكەل، كىنو، تىياتىر قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق نامايان قىلىنىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنىڭ ئۈلگىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئۋلادمۇ-ئەۋلاد كېرىيە ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ پارتىيەگە ۋە ۋەتەنگە تەلپۈنۈپ، ئورتاق كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ كەلمەكتە.

كېرىيە قۇربان تۇلۇمنىڭ «پارتىيەنى، ۋەتەننى، يۇرتنى، سوتسىيالىزمنى قىزغىن سۆيۈش» روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەشنى جانلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، قۇربان تۇلۇم روھى تەتقىقات ئورنى قۇردى.

2016-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى، كېرىيە ناھىيەسىدە قۇربان تۇلۇم روھى تەتقىقات يۇرتىغا ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ما جىجۈن ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن قۇربان تۇلۇم روھى تەتقىقات ئورنىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. قۇربان تۇلۇم روھى مەدەنىيەت تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھەر ساھەدىكى ئەربابلارغا ئالىي سالام يوللىدى ۋە رەھمەت ئېيتتى.

ما جىجۈن مۇنداق دېدى: كېرىيە قۇربان تۇلۇمنىڭ يۇرتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قۇربان تۇلۇم روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە جارى قىلدۇرۇشتا باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار. بولۇپمۇ نۆۋەتتىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقان پەيتتە، قۇربان تۇلۇمنىڭ قىممەتلىك تارىخىي روھىنى داۋاملىق قېزىپ تەتقىق قىلىش ۋە ۋارىسلىق قىلىش ئىنتايىن مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. قۇربان تۇلۇم روھى تەتقىقات ئورنىنىڭ قۇرۇلۇشى كۈچلەرنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، ئەقىل-پاراسەت توپلاپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلام، تېخىمۇ يۇقىرى نەزەر بىلەن قۇربان تۇلۇم روھىنى قېزىپ، قۇربان تۇلۇم روھىنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى، شىنجاڭچە روھ بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كېرىيەدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشتەك روھىي ماكان قۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تاغلىق رايونىدىكى ئېگىز تاغ يايلىقى باش يازنى كۈتۈۋالدى
  • گۈزەل نارات يايلىقى
  • «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بەردى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى